باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ AG600 نىڭ تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچقانلىقى توغرىسىدا يوللىغان تەبرىك تېلېگراممىسى

2017.12.25 13:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى ھەم AG600 نىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان تەتقىقات ۋە سىناق قىلغۇچى ئورۇنلار ھەم بارلىق يولداشلار:

  ئوت ئۆچۈرۈش ۋە سۇ ئۈستىدە قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان، سۇغىمۇ، قۇرۇقلۇققىمۇ قونالايدىغان چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان AG600 (سۇ ئەجدىھاسى 600) تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچقان پەيتتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن AG600 تىپلىق ئايروپىلان تۈرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان بارلىق سىناق قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە سەمىمىي ھال سورايدۇ!

  ئوت ئۆچۈرۈش ۋە سۇ ئۈستىدە قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان، سۇغىمۇ، قۇرۇقلۇققىمۇ قونالايدىغان چوڭ تىپتىكى ئايروپىلان AG600 ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش قائىدىسى تەلىپى بويىچە تەتقىق قىلىپ ياسالغان چوڭ تىپتىكى ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق چوڭ تىپتىكى ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىسى. ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئېلىمىزنىڭ ئاۋىئاتسىيە سانائىتىدىكى ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ چوڭ تىپتىكى C919 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ تۇنجى ئۇچۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئېلىمىز پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى سانائىتى تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر مۇھىم نامايەندە. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە سانائىتى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ياسىمىچىلىق ۋە پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك.

  AG600 نىڭ تۇنجى قېتىم ئۇچۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى تۈر تەتقىقاتىدىكى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم بولۇپ، كېيىنكى ۋەزىپىلەر يەنىلا مۈشكۈل ھەم مۇرەككەپ. سىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ، ئېلىمىزنىڭ سۇغىمۇ، قۇرۇقلۇققىمۇ قونالايدىغان چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇ تەتقىق قىلىپ ياساش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىسى سىستېما قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز!

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى

  گوۋۇيۈەن

  2017-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 24-كۈنى تېلېگراممىسى)

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر