- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلىتىمىز قانۇن چىقىرىپ دۆلەت ھەقسىز تەمىنلەيدىغان ئاساسىي جامائەت ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ
2017.12.25 13:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چېقىشقا تۇنجى قېتىم سۇنۇلغان ئاساسىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسىدە مۇنۇلار بېكىتىلدى: پۇقرالارنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىق ئېھتىياجىغا ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، شەخسنىڭ كۆپ خىل يوللار بىلەن مەبلەغ غەملىشى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. دۆلەت بارلىق پۇقرالارنى ئاساسىي جامائەت ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ بىنجې مۇنداق دېدى: دەسلەپكى لايىھەنىڭ 7-ماددىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش سېلىنمىسى جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دەسلەپكى لايىھەدە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مالىيە ئەھۋالى ۋە ساغلاملىق كۆرسەتكۈچ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ۋە ساغلاملىققا مەبلەغ سېلىش مېخانىزمى ئورنىتىشى بەلگىلەندى. خىراجەت شۇ دەرىجىلىك خامچوتقا كىرگۈزۈلۈپ، كېرەكلىك خىراجەت ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
دەسلەپكى لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئاساس، سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى، كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇش–ياردەم بېرىش ۋە داۋالىنىش خەير-ساخاۋىتى قاتارلىقلارنى قوشۇمچە قىلغان كۆپ قاتلاملىق داۋالىنىش كاپالىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.
داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمىسى ھەمتۈرتكىلىك ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم بىر ھالقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دەسلەپكى لايىھەدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش ئۆلچىمى ۋە ئۇسۇلىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى مۇۋاپىق يولغا قويۇپ داۋالاشقا يېتەكلەپ، ئاغرىقلارنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر