باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋاڭ ياڭ فىرانسىيەلىك مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى

2017.12.20 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ 19- چېسلا جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭ زالىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئەتىئەنا بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە تۈرتكىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا پائال تۈردە يول ئېچىلدى، ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى زىچلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-فىرانسىيە ۋە جۇڭگو-ياۋروپا ئارىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئەتىئەنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ كېيىنكى باسقۇچتىكى يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى پىلانلاپ، قول تۇتۇشۇپ، جۇڭگو-فىرانسىيە ۋە ياۋروپا-جۇڭگو ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر