باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى: ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى «قىزىل ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىدىكى چەۋەندازلار» دىن بولۇشى كېرەك

2017.12.18 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا ج ك پ مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونى سۇنىدبارۇن خۇشۇن ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىغا ئەۋەتكەن جاۋاب خېتىدىكى مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى تىرىشىپ يېڭى دەۋر «قىزىل ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدىكى چەۋەندازلار»دىن بولۇشقا چاقىردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايەن قىلدى. كۆرسەتمىدە خەلق سەنئەتكە مۇھتاج، سەنئەتمۇ خەلقنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەت ماھىيىتىگە مۇھتاج ئىكەنلىكى چوڭقۇر كۆرسىتىلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتىنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، نىشان ۋەزىپىسى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ يېڭى دەۋر ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم قوللانما .

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرى، ئورۇنلار ۋە كەڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇلانمۇچىرنىڭ ئىلغار ئىش- ئىزلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۇلانمۇچىرنىڭ ئىسىل ئەنئەنىسىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى يېزىش، خەلقنىڭ رولىنى ئېلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن يېڭى دەۋر ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 10- قۇرۇلتىيى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 9- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىش جەريانىدا سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈشى ۋە راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر