باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تارىخنى ئۇنۇتماي، گۈللىنىشكە ئىرادە باغلاش ــ تۆتىنچى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغۇچىلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىدە

2017.12.13 14:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىغا« تارىخنى ئۇنۇتماي، گۈللىنىشكە ئىرادە باغلايلى ــ تۆتىنچى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغۇچىلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنىدە»ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىندى.

  باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بۈگۈن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى پاجىئەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا تۆتىنچى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى، بۇ قايغۇلۇق كۈندە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بىگۇناھ قازا قىلغانلارنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قەھرىمانلار ۋە مىللىي قەھرىمانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز.

  بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە باش شۇجى شى جىنپىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچلىق تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشتەك ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇپ، ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنۇتماي، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتەك قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

  باش ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: تارىخ دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ، ھەقىقەت ئۆچمەيدۇ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى پولاتتەك پاكىت، ئۇنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى دۇنيا خەلقىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا، تارىخنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش مەيدانىنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنىڭ بوشاشمايدىغانلىقى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇرىنى ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ بوشاشمايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر