باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چېگرا ئاتلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورتى نازارەت قىلىش ھەققىدىكى ئۆتكۈنچى سىياسەت 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە بىر يىل ئۇزارتىلدى

2017.12.12 15:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى چېگرا ئاتلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورتى نازارەت قىلىش ھەققىدىكى ئۆتكۈنچى سىياسەتنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە بىر يىل ئۇزارتىلغانلىقىنى، بۇ سىياسەتنىڭ خېفېي، چىڭدۇ، داليەن، چىڭداۋ، سۇجۇدىن ئىبارەت بەش شەھەرگە كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فىڭ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەننىڭ 187-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا «چېگرا ئاتلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورتىنى نازارەت قىلىش ھەققىدىكى ئۆتكۈنچى سىياسەتنى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىش، تيەنجىن، شاڭخەي، خاڭجۇ، نىڭبو، جىڭجۇ، گۇاڭجۇ، شېنجېن، چۇڭچىڭ، فۇجۇ، پىڭتەندىن ئىبارەت 10 سىناق شەھەر ۋە رايوننىڭ چېگرا ئاتلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورتىنى ۋاقتىنچە شەخسىي بويۇمنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بويىچە باشقۇرۇش» قارار قىلىندى، ئۆتكۈنچى مەزگىلنىڭ ئۇزارتىلىشى دۆلەتنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىگە كەڭ قورساق ۋە ئېھتىياتچان بولۇشتەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ھازىرقى سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلىدى، كەسىپ مۆلچەرىنى مۇقىملاشتۇردى، شۇنداقلا بۇ چېگرا ئاتلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.

  گاۋ فىڭ ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆتكۈنچى سىياسەت خېبېي، چىڭدۇ، داليەن، چىڭداۋ، سۇجۇدىن ئىبارەت بەش شەھەرگە كېڭەيتىلىدۇ، كېلەركى قەدەمدە چېگرا ئاتلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش لايىھەسى تۈزۈلىدۇ. ئۇ ئىستېمالچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ھازىر ئېلىمىز چېگرا ئاتلىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورت تاۋارلىرىنى شەخسىي بويۇملار بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتىدۇ، زۆرۈر بولغان كارانتىننى يولغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەت ئۆلچىمىگە ماس كېلىشنى تەلەپ قىلمىدى، ماللار ئىمپورت قىلىنغاندا تەكشۈرۈشنىمۇ تەلەپ قىلمىدى، شۇڭا ئىستېمالچىلار ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشى كېرەك، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر