باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولدى

2017.12.12 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە، گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ شۈەنمىن 19 ـ قۇرۇلتاينىڭ روھىنى چەتئەللەرگە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ گېرمانىيەگە زىيارەتكە باردى، ھەمدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشتى.

  گاۋ شۈەنمىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى شۇلتىز بىلەن كۆرۈشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلتىيىغا ئاتىغان تەبرىك خېتىنى تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، سوتسىيالىستلار پارتىيەسى، ئىتتىپاق پارتىيەسى ۋە سول قاناتلار پارتىيەسى قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. گاۋ شۈەنمىن يەنە كولب فوندى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 19 ـ قۇرۇلتاينىڭ روھى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنت، پارتىيە، سودا دائىرىلىرى، ئاقىللار ئامبىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى قاتارلىق ھەر ساھەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەردىن 20 نەچچە كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  گاۋ شۈەنمىن 19- قۇرۇلتاينىڭ ئاساسىي روھى ۋە مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى، ھەمدە پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيىنى فوكۇسلاپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى تەكىتلىدى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى ۋە تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى، بارلىق جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاساسىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى مۇساپىنى باشلايدىغانلىقىنى سۆزلىدى. گېرمانىيە ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  گاۋ شۈەنمىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ھەمدە تەشۋىق قىلىش يىغىنىغا قاتناشقان ھەر ساھە ۋەكىللىرىگە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» (2- توم)نىڭ ئىنگلىزچە ۋە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ گېرمانچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر