باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بېيىش يولىغا يېتەكلەش قەدىمى تېزلەشتى

2017.12.11 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا: 2020-يىلىغىچە دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە نامرات يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، ھەممە نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا، رايون بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامرات بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات ئاھالە ۋە نامرات رايونلارنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش − پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، دېدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جايلار تەدبىر قوللىنىپ، خىزمەتلەرنى تۈرلۈك ئاماللارنى بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، نامرات رايونلار ۋە ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، بېيىش قەدىمىنى تېزلەتتى: شەندۇڭ ئۆلكىسى «خۇاڭخې ساھىلى رايونى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يۆتكەپ قۇرۇش» خىزمىتىنى باشلىدى، 600 مىڭ كىشى ساھىل رايونى تۇرمۇشى بىلەن خوشلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا ماڭماقتا؛ خېنەن ئۆلكىسى «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش»نى بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى باش قۇرۇلۇش قىلدى، دابيېشەن، تەيخاڭشەن تاغلىق رايونلىرىدىكى نامرات ئامما كۆچۈرۈپ يۆلەش ئارقىلىق، نامراتلىقتىن ئۇزاققىچە، مۇقىم قۇتۇلدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرى گاۋچىڭ ناھىيەسى چاڭجيا بازىرى ۋۇخې كەنتى ئاھالىسى ۋۇ جىلىنىڭ ئۆمرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خۇاڭخې دەرياسى ساھىلىدا ئۆتكەن، ئۇ بۇ ساھىلدىن كۆچۈپ كېتىشنى كۈندە ئارزۇ قىلاتتى. چۈنكى خۇاڭخې دەرياسى سۈيى تاشسا، ھەتتا قاتتىقراق يامغۇر ياغسا، ئۆيىنى سۇ بېسىپ كېتەتتى، شۇڭا نەچچە يىلدا بىر يېڭىلاپ، تېگىنى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: خۇاڭخې توسمىسى سىرتىدىكى كىشىلەر ئۆمرىدە بىر قېتىم ئۆي سالسىلا بولدى، مەن ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم سېلىپ بولدۇم، شۇڭىمۇ نامراتلىقتا قالغان ئىدۇق.

  ۋۇ جىلىنىڭ خۇاڭخې دەرياسى ساھىلىدىن كۆچۈپ كېتىش ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشتى، گاۋچىڭ ناھىيەسى ناھىيە بازىرىدا 70 نەچچە مو قورۇلۇش يېرى ئاجرىتىپ، ۋۇخې كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى كەنتكە ئىككى مەھەللە سېلىپ بەردى، ۋۇ جىلى 120 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆيدىن ئىككى يۈرۈش سېتىۋالدى. خېزېدىكى خۇاڭخې دەرياسى ساھىلىدىن يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن دۇڭمىڭ ناھىيەسى چاڭشىڭجى يېزىسى جۇلان يېڭى كەنتى ئاھالىلىرى كونا كەنت قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىككى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك باغچە رايونى قۇردى، كەنتتىكى نامرات ئائىلىلەر بۇنىڭدىن ئايدا ئۈچ مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ شياڭچۈەن: بىز ئەمدى جۇلىنسى باغچىسى، جۇلىنسى ساياھەت رايونى قۇرىمىز، دېدى.

  بۇ يىلدىن باشلاپ، شەندۇڭ ئۆلكىسى ئۈچ يىل سەرپ قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى ساھىلى رايونىدا 1700 كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى 610 مىڭغا يېقىن ئاھالىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەم تۇرالغۇ مەسىلىسىنى بەش خىل ئۇسۇلدا ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىدۇ. شەندۇڭ ئۆلكىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ رۇيدۇڭ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن يەنە بېيىش يولىنى تېپىش كېرەك، ئۆلكىمىز 279 مىليون يۈەن مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامراتلارغا نامراتلارنى يۆلەش ئالاھىدە ئېتىبارلىق سۇغۇرتىسى ئېلىپ بەردى. ساھىل رايونىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە ئاساسەن، بۇ جايدىكى نامرات ئاممىنى ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ساياھەت، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلىدى.

  خېنەن ئۆلكىسىدىكى دابيېشەن، فۇنيۇشەن، تەيخاڭشەن تاغلىق رايونلىرىدا 260 مىڭ نامرات كىشى تاغلىقنىڭ ئىچكىرىسىدە ياشايدۇ. «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرۈشى باشلانغاندىن بۇيان، بۇ ئۆلكە بۇ يىل قۇرماقچى بولغان 416 ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تولۇق قۇرۇلۇش باشلاندى. دابيېشەن تاغلىق رايونىدىكى شىنياڭ شەھىرى مەركەزلىك ۋە تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئەندىزىنى قوللىنىپ، ئادەم، يەر ۋە ئائىلىلەر بويىچە تۈرگە ئايرىپ كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇردى. گۇاڭشەن ناھىيەسى نەنشياڭديەن يېزىسى خۇەنشەن كەنتىدىكى ئارخىپقا ئېلىنغان نامرات ئائىلە خۇاڭ دېلوڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇرۇن تاغ جىلغىسىدا تۇراتتى، ھازىر يېڭى كەنتتىكى ئىككى ئېغىزلىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر پۇڭمۇ خەجلىمەي يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى شارائىتىمىز بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى، ئىنتايىن رازى بولدۇق. ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى بۇرۇنقىدىن ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

  كۆچۈرۈش بىر ۋاسىتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەقىقىي مەقسەت. شىنياڭ شەھىرى «نامراتلىق ئۇۋىسىدىن يۆتكەش» بىلەن «نامراتلىقنى تۈگىتىش»نى بىرلەشتۈرۈش، كۆچۈرۈش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەڭ تۇتۇش، كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبىگە ئاساسەن، ئائىلىلەر بويىچە پىلانلاپ، تۈرلەر بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، داۋاملاشما كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلەپ، كۆچۈرۈلگەنلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىدىغان كەسىپلەر تۈرلىرى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، نامراتلارنى كۆچۈش، مۇقىملىشىش، راۋاجلىنىش، بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. گۇاڭشەن ناھىيەسى گۈل-مېۋە قاتارلىق كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق كۆچۈرۈپ يۆلەنگەن نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. نەنشياڭديەن يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لو جىچاۋ مۇنداق دېدى: مېۋە ئۈزۈش بازىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنىڭ ھەميىنىنى توملايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر