باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«مۇھىت ئاسراش بېجى»كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ ئېلىنىدۇ، جايلار ئۆز ئەھۋالىغا ئاساسەن باج يىغىش ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ

2017.12.11 16:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇھىت ئاسراش بېجى كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ ئېلىنىدۇ، جايلار ئۆز يېرىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، باج ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرسە بولىدۇ.

  مۇھىت ئاسراش بېجىدا «باج سېلىقىنى پاراللېل يۆتكەش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەققى تۈزۈمى مۇھىت ئاسراش بېجى تۈزۈمىگە سىلىق ئۆزگەرتىلىدۇ. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى سىياسەت، قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بيې تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىرقى ھەق ئېلىش تۈرى ئۆلچىمى مۇھىت ئاسراش بېجىغا پاراللېل ئۆزگەرتىلىدۇ. تۈپ پىرىنسىپ ۋە خىزمەت مېخانىزمى شۇكى، كارخانىلار مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئىلتىماس قىلىدۇ، باج تارماقلىرى يىغىش ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ، گۇمان بولسا مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىغا قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، تارماقلار ئۇچۇردىن تەڭ بەھرلىنىدۇ ۋە ھەمكارلىشىدۇ.

  ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھەققىنى مەركەز بىلەن يەرلىك 1:9 لىق نىسبەت بويىچە بۆلۈشىدۇ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق بۇلغىمىنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، يەرلىكنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن، مۇھىت ئاسراش ھەققى باجغا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مۇھىت ئاسراش بېجى كىرىمى پۈتۈنلەي يەرلىكنىڭ كىرىمى قىلىنىپ، ئادەتتىكى ئاممىۋىي خامچوتقا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇلغىمىنى كۆپ قويۇپ بەرگەنلەر كۆپ باج تاپشۇرۇش، ئاز قويۇپ بەرگەنلەر ئاز ھەق تاپشۇرۇش پىرىنسىپى ئاستىدا، جايلار ئۆز يېرىنىڭ مۇھىت بەرداشلىق ئىقتىدارى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئېكولوگىيە تەرەققىيات نىشانى تەلىپى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ئالاھىدە ئېھتىياجى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاتموسفېرا بۇلغىمىسى ۋە پاسكىنا سۇ بۇلغىمىسىغا كونكرېت تەتبىقلىنىدىغان باج سوممىسىنى بېكىتسە ۋە تەڭشىسە، ئوخشاش بىر قويۇپ بېرىش ئېغىزىدا ئېلىنىدىغان مۇھىت ئاسراش بېجى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك بۇلغىما تۈرى سانىنى كۆپەيتسە بولىدۇ.

  بيې تاۋ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ، تيەنجىنگە ئوخشاش مۇھىت سىغىمچانلىقى كىچىك، نوپۇسى زىچ جايلار يۇقىرى بۇلغىمىلىق كارخانىلارغا ئىمكان قەدەر چەكلىمە قويىدۇ، شۇڭا بۇ جايلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى ئۆلچىمى شىنجاڭغا تەتبىقلىنىدىغان ئۆلچەمدىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىردەك بولۇشتەك قانۇنى پىرىنسىپقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەرلىكنىڭ باجنى خالىغانچە ئۆستۈرۈشىگە يولغا قويۇلمايدۇ. بۇنى يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى بېكىتىشى ھەمدە گوۋۇيۈەن ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئەنگە ئالدۇرۇش شەرت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر