باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چەتئەللەردە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى شېۋىتسارىيەدە مەخسۇس تېمىدا تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

2017.12.07 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى شۇلېي ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چەتئەللەردە تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنى باشلاپ، شۋېيتسارىيەنىڭ بېرندا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى. شۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنتى، سودا-سانائەتساھەسى، ئاقىللار ئامبىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن 100 نەچچە ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى. لى شۇلېي پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ، بەش يىلدىن بۇيانقى جۇڭگودا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تونۇشتۇردى؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى نۇقتىلىق شەرھلىدى؛ جۇڭگو يولى، جۇڭگو تۈزۈمى نەزەرىيەسى، مەدەنىيەت مەنبەسى ۋە رېئال ئاساسىنى تەھلىل قىلدى. لى شۇلېي ئارقىدىن شىۋېيتسارىيە ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.شۋېيتسارىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتى شۋېيتسارىيە-جۇڭگو پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، لى شۇلېي ئۆمەك باشلاپ، 12-ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە شۋېيتسارىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ.

  تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىش بىلەن بىللە، تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى يەنە يېڭىدىن سايلانغان شۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى مائۇرېر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە فېدېراتسىيە پارلامېنتى شۋېيتسارىيە - جۇڭگو پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى ۋىل قاتارلىق پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر