باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئاتموسفېراغا دائىر ئون ماددا» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ھاۋا سۈپىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى

2017.12.04 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن ۋە خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ رايوندا، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ۋە جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدا PM 2.5نىڭ قويۇقلۇقى 2013ـ يىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %38.2، %31.7 ۋە %25.6 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى يۇقىرى باھالاش ئۆلچىمىدىن زور كۆلەمدە يۇقىرى بولغان. بۇ، مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى مۇنبىرى خۇيجۇ يىللىق يىغىنىدىن ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتى .

  مۇنبەردە، مۇھىت ئاسراش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيېنىڭ ئېيتىشىچە، «ئاتموسفېراغا دائىر ئون ماددا» ئېمزالىنىپ، كۆرىنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. تۇنجى قېتىملىق باھالاش يىلىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشتىن ئۈمىد بار.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتە ۋىلايەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان 338 شەھەرنىڭ PM 10قويۇقلۇقى 2013 ـ يىلىدىكىدىن %20.4 تۆۋەنلىگەن. ئۇندىن باشقا، 3- ئايدىن 11- ئايغىچە، بېيجىڭنىڭ PM 2.5 قويۇقلۇقى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %27.1 تۆۋەنلەپ، كۈز ۋە قىش پەسلىدە پار بىلەن تەمىنلەش باشلانغان مەزگىلىدىن بۇيان بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 40تىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن.

  2013- يىلى، گوۋۇيۈەن تارقاتقان «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەرىكەت پىلانى»دا، 10 تۈرلۈك تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا، بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلانغانلىقى ۋە ئېغىر بۇلغىنىش نىسبىتى زور كۆلەمدە ئازايغانلىقى؛ بېيجىڭ، تيەنجىن، ۋە خېنەندىن ئىبارەت ئۈچ رايوننىڭ، ھەمدە چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ۋە جۇجياڭ دېلتىسى رايونى قاتارلىق رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر