باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قىزىل، سېرىق، كۆك بالىلار باغچىسى ۋەقەسى بىلەن چاۋياڭ رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىدىن ئۈچ كىشى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى

2017.11.30 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29- نويابىر، بېيجىڭ شەھىرى چاۋياڭ رايونلۇق قىزىل، سېرىق، كۆك يېڭى ماكان بالىلار باغچىسى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى ئېلان قىلىندى. چاۋياڭ رايونى قىزىل، سېرىق، كۆك يېڭى ماكان بالىلار باغچىسى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتى بىلەن چاۋياڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىدى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چاۋياڭ رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياۋ ۋېن، مۇئاۋىن مۇدىرى فۇ لىننىڭ خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى مەۋجۇت بولغان؛ چاۋياڭ رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مەكتەپ ئېچىشىنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خەن بىننىڭ خىزمەتتە بىپەرۋالىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسى ساقلانغان. يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، چاۋياڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى يۇقىرىقى جاۋابكارلارغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.

  نۆۋەتتە، بېيجىڭدە شەھەر بويىچە بالىلار باغچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈش، بالىلار باغچىلىرىنىڭ باغچا باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلماقتا. بېيجىڭ شەھىرى، چاۋياڭ رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر