باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 12-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

2017.11.30 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مەزمۇن باشقۇرۇش كەسىپكارلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» ۋە «ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەشغۇلات بىخەتەرلىكىنى باھالاپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار كەسىپكارلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  چارىدە مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مەزمۇن باشقۇرۇش كەسىپكارلىرىنىڭ ھەقلىق خەۋەر قىلىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ. ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇرىنىڭ مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك ۋە ئېلان قىلىش، كۆچۈرۈپ تارقىتىش ۋە تەكشۈرۈش بېكىتىش قاتارلىق خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئېلان، تارقىتىش، ياردەم بېرىش، ۋاسىتىچىلىك قاتارلىق تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نامۇۋاپىق مەنپەئەتنى كۆزلىشىگە بولمايدۇ. تور جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى قاتارلىق خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ قاقتى-سوقتى قىلىش، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ.

  بەلگىلىمىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەشغۇلاتنى تەڭشەپ قوشقاندا، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە بىخەتەرلىكنى تىزگىنلىگىلى بولىدىغان تېخنىكا كاپالەت تەدبىرلىرى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، قانۇن-بەلگىلىمىدە چەكلەنگەن ئۇچۇر مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلىشقا، تارقىتىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەشغۇلاتنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاشقا ئالاقىدار ساھە ۋە كەسپىي ئاپپاراتلارنى تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە قوللاپ، بىخەتەرلىكنى باھالاش مۇلازىمىتىنى باھالاش ئىناۋىتى، ئىقتىدارىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەكلىكى بەلگىلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر