باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا يەر ھوقۇقىنى بېكىتىش كۆلىمى 1 مىليارد 100 مىليون مودىن ئاشتى، 2-نۆۋەت ئائىلە ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەرنىڭ %82نى ئىگىلىدى

2017.11.30 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە ئۆلچەنگەن ھۆددە يەر كۆلىمى 1 مىليارد 520 مىليون موغا يېتىپ، 2-نۆۋەت ئائىلە ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمىدىن ئېشىپ كەتكەن؛ ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلگەن يەر كۆلىمى 1 مىليارد 110 مىليون موغا يېتىپ، 2-نۆۋەت ئائىلە ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەرنىڭ ھېسابات دەپتىرىدىكى كۆلىمىنىڭ %82نى ئىگىلىگەن.

  ھوقۇق تەۋەلىكى بېكىتىلىپ بىلەن يەرنىڭ ئاساسى ئېنىقلىنىپ، دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئالغان كۆلىمى ۋە چېكى ئايدىڭلىشىپ، يەر ھۆددىگە ئېلىش ماجىراسى ئازلاپ، يەرنىڭ ھوقۇق فۇنكسىيەسى ئاشتى. دېھقانلار يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى كىنىشكىسى بىلەن ئىگىلەش، ئىشلىتىش ۋە پايدا ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، قايتا ھۆددە بېرىش ۋە ئىجارە بېرىش ھوقۇقىنى خاتىرجەم يۈرگۈزسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، دېھقانلار باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرسە بولىدۇ، بۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەبلىغى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ھەل قىلدى. 2016-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، 2-نۆۋەتلىك ھۆددە يەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش كۆلىمى 470 مىليون موغا يېتىپ، %35.1نى ئىگىلىدى. مەملىكەت بويىچە 230 مىليون دېھقان ئىچىدە 70 مىليون دېھقان ھۆددىگە ئالغان بارلىق ياكى قىسمەن يېرىنى ئۆزى بىۋاسىتە باشقۇرمايدىغان بولدى.

  مەملىكەت بويىچە ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاپ گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا، جايلار ھوقۇق بېكىتىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدەندى، بولۇپمۇ ھۆددە يەردىن ۋاز كېچىش، ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇپ بىرلەشتۈرۈش، يەرنىڭ پارچە-پۇراتلىشىشىنى ھەل قىلىش ۋە شۈدىگەرلەش، نۆۋەتلەشتۈرۈش، ئىككى رايونغا ئايرىش جەھەتلەردە ياخشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  2018-يىلى مەملىكەت بويىچە ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاپ گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى يىلى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى كېيىنكى قەدەمدە ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ۋەزىپىنى ۋاقتىدا تاماملىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كېلەر يىلى نۇقتىلىق ھالدا ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قېلىپ قالغان مەسىلىلەرنى بىر تۇتاش تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ، شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك ھوقۇق تەۋەلىكىنى تىزىملاش سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە يېزىلارنىڭ يەر ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى ئۇچۇرىدىن پايدىلىنىش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا ھۆددە يەرلىرىنى باشقۇرۇشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھوقۇق بېكىتىش پايدىسىنى تولۇق قويۇپ بېرىش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى جايلارنى ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاپ گۇۋاھنامە بېرىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەش ئاساسىدا، ھوقۇق بېكىتىش نەتىجىلىرىنى يەر ئوبوروتى، رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق تولۇقلىما جەھەتلەرگە ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر