باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى جۇڭگوغا قارىتا ئۆز ئالدىغا «قوش قارشى تۇرۇش» تەكشۈرۈشىنى قوللاندى

جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈردى

2017.11.30 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋاشىنگتون ۋاقتى 28-نويابىر، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان ئاممىباپ ئاليۇمىن تاختىغا قارىتا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا ۋە تولۇقلىما بېرىشكە قارشى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپ ئىلتىماسى سەۋەبى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان ئاممىباپ ئاليۇمىن تاختىغا قارىتا تۆكمە قىلىپ سېتىشقا ۋە تولۇقلىما بېرىشكە قارشى تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇشى بولۇپ، 25 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ 1-قېتىم ئۆز ئالدىغان سودىنى قۇتقۇزۇش خاراكتېرىدە تەكشۈرۈشنى يۈرگۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى خەلقئارا سودا تارىخىدىمۇ كەم ئۇچرايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  بۇ مەسئۇل ئەمەلدار يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئاليۇمىنچىلىق كەسپى ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى قوش يۆنىلىشلىك، قوش تەرەپلىك ئاليۇمىن كەسپى سودىسىنىڭ نورمال تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنسا، بۇ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككىلا تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تېخى يېقىندىلا «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش» توغرسىدىكى ئورتاق تونۇشنى ھاسىل قىلغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ئورتاق تونۇش بويىچە جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر يۆنىلىشتە مېڭىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودىسىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تەرەپمۇ زۆرۈر بولغان تەدبىر قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر