- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مالىيە مىنىستىرلىقى: مىراس بېجىغا مۇناسىۋەتلىك نىزام ياكى نىزام لايىھەسى ئەزەلدىن ئېلان قىلىنىپ باقمىدى
2017.11.24 15:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كىشىلەر مىراس بېجى ئېلىش-ئالماسلىققا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، مالىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتى يېقىندا بۇ مەسىلىگە مۇنداق جاۋاب بەردى: دۆلىتىمىز ھازىرغىچە مىراس بېجى ئېلىشنى يولغا قويمىدى، شۇنداقلا مىراس بېجىغا مۇناسىۋەتلىك نىزام ياكى نىزام لايىھەسى ئەزەلدىن ئېلان قىلىنىپ باقمىدى.
مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: مىراس بېجى ئۇزاق تارىخقا ئىگە باج تۈرى، دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلار مىراس بېجى ئالىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، مالىيە مىنىستىرلىقى دۆلەت باج باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىرلىشىپ مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئىزچىل ئەستايىدىل تەتقىق قىلىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر