باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-موڭغۇلىيە تۆمۈر يولىدىكى ئەڭ چوڭ پورت ئېرېنخوتتا ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ نەقلىيات مىقدارى تۇنجى قېتىم 10 مىليون توننىدىن ئاشتى

2017.11.22 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە، جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئارا ئەڭ چوڭ پورت ئېرېنخوت تۆمۈريول پورتىدا ئىمپورت-ئېكسپورت نەقلىيات مىقدارى ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىشى 10 مىليون 420 توننىغا يەتتى. بۇنىڭ بىلەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يېڭى پەللە يارىتىلدى. بۇ، 1956- يىلى جۇڭگو، موڭغۇلىيە ۋە رۇسىيە ئۈچ دۆلەت تۆمۈريولىدا خەلقئارا بىرلەشمە نەقلىيات كەسپى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېرېنخوت پورتىدا ئىمپورت-ئېكسپورت نەقلىيات مىقدارىنىڭ تۇنجى قېتىم 10 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئوتتۇرا لىنىيە تىرانسپورت يولىنىڭ تۈگۈن پورتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېرېنخوت پورتى جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ نەقلىياتچىلىقىنى تەشكىللەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئىمپورت-ئېكسپورت ماللىرىنىڭ يېشىل يولىنى ئېچىپ، نۆۋەتچى پويىزنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈردى. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئېرېنخوت پورتىدا توختاش ۋاقتى ئوتتۇرىچە نىسبەت بويىچە ھېسابلىغاندا ئىلگىرىكىدىن بەش سائەت قىسقىراپ، چېگرادىن چىققاندىن كېيىن موڭغۇلىيە زامىنئۈد ۋوگزالىدا توختاش ۋاقتى بىر سائەت قىسقاردى. بۇ يىل كىرگەندىن بويان، ئېرېنخوت پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 462گە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.4 ھەسسە ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر