باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ياڭ ياڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى تەنھەرىكەتچىلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى

2017.11.22 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ياڭ ياڭ، جاۋ خۇڭبو ۋە دۇلى قاتارلىق تەنھەرىكەتچىلەر، يەنى ئىلگىرى سەپتىن چېكىنگەن ۋە ھازىر سەپتە تۇرىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەر بېيجىڭدا بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى تەنھەرىكەتچىلەر كومىتېتىنىڭ بىرىنچى ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ جيەندۇڭ بۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ شۇئەن، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لۇ يۇڭ قاتارلىقلارمۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «تەنھەرىكەتچىلەرنى مەركەز قىلىش»نى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشكىلىي كومىتېتى تەنھەرىكەتچىلەر كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقتى. جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ۋە جۇڭگو مېيىپلار ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، ھەمدە تەشكىلىي كومىتېتنىڭ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشىچە، ۋاڭ بىڭيۈ، ۋاڭ خەيتاۋ، ۋاڭ لىنو ، ۋاڭ خاۋ، يې چياۋبو ، لىيۇ جىيايۈ، لىيۇ شىيەنيىڭ، دو لى، لى خۇڭشۆ، لى جياجۈن، لى نىنا، ياڭ ياڭ، جاڭ خوڭ، چېن لۇ، جوۋ ياڭ، جاۋ خۇڭبو، شيا لىنا، خەن شياۋيېڭ ۋە چۇ بېيبېي (يۇقىرىقى تەرتىپ فامىلە سىزىق بويىچە تىزىلدى) قاتارلىق 19 كىشى تەنھەرىكەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ياڭ ياڭ كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. تەنھەرىكەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى دېگەندە، ھازىر سەپتە تۇرىۋاتقان ۋە ئىلگىرى سەپتىن چېكىنگەن تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى، قىشلىق تەنھەرىكەت تۈرى ۋە يازلىق تەنھەرىكەت تۈرىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى ۋە مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر