باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇاۋېي رۇسىيە يانفون بازىرىنىڭ %14ىنى ئىگىلىدى

2017.11.21 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 17-نويابىر موسكۋادا مۇنداق دېدى: خۇاۋېي يانفونىنىڭ رۇسىيەدىكى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولماقتا، بازار ئۈلۈشى %14كە يەتتى.

  شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خۇاۋېي شىركىتىنىڭ رۇسىيەدىكى 20 يىللىق خاتىرە كۈنى پائالىيىتىدە، خۇاۋېينىڭ رۇسىيەدىكى ئىستېمالچىلار كەسپى باش دىرېكتورى ئوۋ يىۋېي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خۇاۋېي يانفونىنىڭ رۇسىيە يانفون بازىرىدىكى رەت تەرتىپى 3-ئورۇندا، خۇاۋېي تاختا كومپيۇتېرىنىڭ رۇسىيە بازىرىدىكى بازار ئۈلۈشى %20تىن ئېشىپ، رەت تەرتىپى 2-ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.

  ئوۋ يىۋېي مۇنداق دېدى: خۇاۋېي رۇسىيەدە ئۈزلۈكسىز كۆپ يىل مەبلەغ سالدى، ماركىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئىناۋىتى زور كۆلەمدە ئاشتى، بازارغا سېلىنغان يانفون تۈرلىرى زور مىقداردىكى بازار تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، شۇ ئارقىلىق شۇ جاي بازىرى، يانفون سودىگەرلىرى ۋە ھەر قايسى يوللارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇندىن كېيىن، خۇاۋېي مەھسۇلات ئاساسىنى پۇختىلاش ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىدىن ئىبارەت ئىككى قاتلام بويىچە رىقابەت ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر