باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

___ داڭلىق يازغۇچى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋاڭ مېڭنى زىيارەت

2017.11.20 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھى. مەدەنىيەت گۈللەنسە، دۆلەت روناق تاپىدۇ، مەدەنىيەت كۈچەيسە، مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ. يۈكسەك مەدەنىيەت ئىشەنچى بولمىسا، مەدەنىيەت گۈللىنىپ راۋاج تاپمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ.... پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مەدەنىيەتنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇش مىسلىسىز بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتكە ئىلمىي تەبىر بېرىش مىسلىسىز بولدى، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە كۆرسىتىپ بېرىلگەن يۆنىلىش، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپىلەر مىسلىسىز بولدى دەپ قارايمەن». 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولسىمۇ، ئۆي ئىچى باھاردەك ئىللىق ئىدى، داڭلىق يازغۇچى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى ۋاڭ مېڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، بولۇپمۇ «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش»نى ئۆگىنىش تەسىراتى ھەققىدە توختالغاندا دوكلاتنىڭ نۇرغۇن تېكىستىنى ئەينەن يادلاپ بەردى، شۇنداقلا تولۇپ تاشقان ھاياجان بىلەن ئۈچ «مىسلىسىز» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىنى ئىخچاملىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىندىن بۇيان 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئوقۇپ ۋە چوڭقۇر ئويلىنىپ نۇرغۇن ئىلھامغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك

  ۋاڭ مېڭ مۇنداق دېدى: «دوكلاتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى، ئېلىمىز جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى كۆرسىتىلدى. ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ مەدەنىيەتكە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويدى. گۈزەل تۇرمۇش دېگەن نېمە؟ GDP ئۆسۈپ، ماددىي سەۋىيە ئېشىپ، كىرىم ئاشسىلا گۈزەل تۇرمۇش ھېسابلىنامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، گۈزەل تۇرمۇش ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. كىشىلەر بېيىغاندىن كېيىن تېخىمۇ مول مەزمۇنلۇق، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت مەھسۇلاتلىرىغا ئىنتىلىپ، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ... بۇلارنىڭ ھەممىسى گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشنىڭ مەدەنىيەت كۆرسەتكۈچى. لېكىن مەنىۋى مەدەنىيەت كەمچىل بولسا، ھەر خىل خاتا ئىدىيە، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ».

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتكە بولغان تونۇشنىڭ «ئېنىق، روشەن، چوڭقۇر»لىقى ۋاڭ مېڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. دوكلاتتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدا بارلىققا كەلگەن جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات داۋامىدا يارىتىلغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت ۋە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە يىلتىز تارتقان».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر