باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىز كەلگۈسىدىكى ئالەم بوشلۇقى تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ لىنىيە خەرىتىسىنى ئېلان قىلدى

ئالەم بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش كەلگۈسى ئون يىلدا رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن

2017.11.17 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھ شىركىتى 1-تەتقىقات يۇرتى يېقىندا بېيجىڭدا «2017 ـــ 2045 يىللىق ئالەم بوشلۇقى تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىياتىنىڭ لىنىيە خەرىتىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتانىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ئىستىقبالى ۋە تەرەققىيات خەرىتىسىنى سىستېمىلىق پىلانلىدى.

  پىلان بويىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا «ئۇزۇن سەپەر» ناملىق يۈرۈشلۈك ئاساسلىق توشۇغۇچى راكېتا خەلقئارا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەگە يېتىپ، تۆۋەن تەننەرخلىق ئوتتۇرا تىپتىكى ئۇزۇن سەپەر 8-ناملىق توشۇغۇچى راكېتا تۇنجى ئۇچۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ 2025-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە قايتا ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇب ئوربىتىلىق توشۇش ماشىنىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسىلىپ، سۇب ئوربىتا ئالەم بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش رېئاللىققا ئايلىنىدۇ؛ 2030-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئېغىر تىپلىق توشۇغۇچى راكېتانى تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىش ئەمەلگە ئېشىپ، ئادەملىك ئايغا چىقىشقا كۈچلۈك مەدەت بېرىدۇ؛ 2035-يىل ئەتراپىدا، توشۇغۇچى راكېتانى پۈتۈنلەي تەكرار ئىشلىتىش ئەمەلگە ئېشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ۋە ئىلغار ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كەلگۈسى بىر ئەۋلاد توشۇغۇچى راكېتانى تۇنجى قېتىم قويۇپ بېرىش ئەمەلگە ئېشىپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بوشلۇق تىرانسپورت سىستېمىسىنى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ 2040-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە كەلگۈسى بىر ئەۋلاد توشۇغۇچى راكېتا قوللىنىلىپ، بىرىكمە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك ئىككى دەرىجىلىك تەكرار ئىشلىتىلىدىغان يۈك توشۇغۇچ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ياسىلىدۇ، يادرو ئېنېرگىيەلىك بوشلۇقتا موكىدەك ئۆتۈش ماشىنىسىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كىچىك سەييارىلەردە كان قېزىش ۋە بوشلۇق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ؛ 2045-يىلىغا بارغاندا ئالەم بوشلۇقىغا چىقىپ كىرىش ۋە توشۇش ئۇسۇلىدا يىپيېڭى ئۆزگىرىش بولۇپ، ئالەم شوتىسى، يەر شارى پونكىتى، بوشلۇقتىكى ئۆتەڭ قۇرۇلۇشلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر