باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىڭگاڭشەن شەھىرى، لەنكاۋ ناھىيەسىدىن كېيىن، دۆلىتىمىزدە يەنە 26 نامرات ناھىيە «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلىدى

2017.11.02 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 26 ناھىيە:

  خېبېي ئۆلكىسى: ۋاڭدۇ ناھىيەسى، خەيشىن ناھىيەسى، نەنپى ناھىيەسى

  جياڭشى ئۆلكىسى: جىئەن ناھىيەسى

  خېنەن ئۆلكىسى: خۇا ناھىيەسى

  چۇڭچىڭ شەھىرى: ۋەنجۇ رايونى، چيەنجياڭ رايونى، ۋۇلوڭ رايونى، فېڭدۇ ناھىيەسى، شيۇشەن تۇجيازۇ مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى

  سىچۈەن ئۆلكىسى: نەنبۇ ناھىيەسى، گۇاڭئەن شەھىرى گۇاڭئەن رايونى

  گۈيجۇ ئۆلكىسى: چىشۈي شەھىرى

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونى: لاسا شەھىرى چېڭگۈەن رايونى، چاڭدۇ شەھىرى كانو رايونى، لىنجى شەھىرى بايى رايونى، شەننەن شەھىرى نەيدۇڭ رايونى، يادۇڭ ناھىيەسى

  چىڭخەي ئۆلكىسى: خېنەن موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى، توڭدې ناھىيەسى، دۇلەن ناھىيەسى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى: باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، نىيە ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، تولى ناھىيەسى، چىڭگىل ناھىيەسى

  (2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 28 نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ يىل 2-ئايدا جىڭگاڭشەن شەھىرى، لەنكاۋ ناھىيەسى ئالدى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇنىڭغا يېقىندا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 26 ناھىيەنى قوشقاندا، بۇ 28 ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 28 نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە جياڭسۇ ئۆلكىسى جىڭگاڭشەن شەھىرى، خېنەن ئۆلكىسى لەنكاۋ ناھىيەسى دۆلەتنىڭ مەخسۇس باھالاش تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئايرىم-ئايرىم بۇ يىل 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، 27-كۈنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق نامراتلىقتىن رەسمىي قۇتۇلغان. يېقىندا، دۆلىتىمىزدىكى توققۇز ئاپتونوم رايون، شەھەر، رايوننىڭ 26 نامرات ناھىيەسى دۆلەتنىڭ مەخسۇس باھالاش تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەستىقلىشى بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلغان.

  گوۋۇيۈەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەر، ئاساسىي جەھەتتىن تۆت خىل كۆرسەتكۈچ بويىچە باھالاندى، يەنى ئايرىم-ئايرىم نامراتلىقنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى %2 تىن تۆۋەن بولۇش (غەربىي قىسىم رايونلارنىڭ %3)، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلە سانىدا خاتالىق بولۇش نىسبىتى %2تىن تۆۋەن بولۇش، نامرات نوپۇسلارنى باھالاشتىن چۈشۈرۈپ قويۇش نىسبىتى %2تىن تۆۋەن بولۇش ۋە ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىش نىسبىتى %90 تىن يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت. قايسى بىر خىل كۆرسەتكۈچ شەرتكە چۈشمىسە، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈشكە بولمايدۇ. يېقىندا دۆلەتنىڭ مەخسۇس باھالاپ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن 26 ناھىيەنىڭ ھەممىسى بۇ تۆت تۈرلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كۆرسەتكۈچى شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر