باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ سالاھىيىتى نۇقتىدا بىر يىل سىناق قىلىنىدۇ

جياڭسۇدىكى باجدىن خالىي رايون تاۋارلىرىنىڭ ئىچكى سېتىلىش سوممىسى 86 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى

2017.11.02 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىرنىڭ نەنجىڭ تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، جياڭسۇدىكى ئىككى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا كارخانا قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچى سالاھىيىتىدە نۇقتىدا سىناق قىلىنغان بىر يىل ئىچىدە، رايوندىن كىرگۈزۈلگەن-چىقىرىلغان غەيرىي باجدىن خالىي ماللارنىڭ قىممىتى 10 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولغان، باجدىن خالىي تاۋارلارنىڭ ئىچكى بازاردا سېتىلىش سوممىسى 86 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق بولۇپ، تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنى ئېچىپ ئىلگىرىلىشى پۇختا بولغان.

  نەنجىڭ تاموژنىسى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا سىناق نۇقتىسى قىلىنغان كارخانىغا ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىنىڭ سالاھىيىتى بېرىلگەندىن كېيىن، مەھسۇلات ئىچكى بازاردا سېتىلغاندا، بىۋاسىتە قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى كېسىپ بېرىپ سېتىشقا بولىدىكەن، رايوندىن قايتا چىقىشنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش شەكلىنى قوللانمىسىمۇ بولىدىكەن، بۇنىڭدا كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلاردىن مال سېتىۋالغاندا، رايونغا كىرىشتە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش شەكلىنى قوللانمىسىمۇ بولىدىكەن، يەنى مال سېتىپ بەرگۈچى شىركەتنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلسا بولىدىكەن، بۇنىڭلىق بىلەن رايون ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئىچى بازىرىنى ئېچىشىغا قولايلىق ياراتقىلى بولىدىكەن. ئىلگىرى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئىچىدىكى كارخانىلار ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچى سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغانلىقتىن، قوشۇلما قىممەت بېجىنى تولۇقلاپ چىقىرىۋېتىشنى ئېلىپ بارغىلى بولمايتتى، شۇڭا، ئۆي ئىجارىسى، ئەمگەك كۈچى، ئەشيا ئوبوروتى، تىرانسپورت قاتارلىق تىجارەت تەننەرخى يۇقىرى ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر