باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باتۇرلۇق بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئەزىمەتلىرى بولايلى

2017.10.27 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەن بىر توپ «90- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. چۈنكى ئۇلار كامالەتكە يەتكەن ماھارەتلىرى ۋە ھۈنەرۋەنلەرگە خاس روھقا تايىنىپ، «ماھىرلار ساھەسىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى» دەپ ئاتالغان دۇنياۋىي ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە 15 ئالتۇن مېدال، يەتتە كۈمۈش مېدال ۋە سەككىز مىس مېدالغا ئېرىشتى،بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئالتۇن مېدال ئالغانلار تىزىملىكىنىڭ ئالدىنقى قۇرلىرىدىن ئورۇن ئالدى. بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن، ئۇلار يەنە تارىختىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى، ھەمدە كىشىلەرگە بىر ئەۋلاد ياشلارنىڭ كۈچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى.

  "ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيىتى بار ۋە مەسئۇلىيەتچان بولسىلا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. " پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مۇشۇنداق بېغىشلىما سۆزى قىلغان ئىدى. راست، جۇڭگو ئارزۇسى بولسا، تارىخنىڭ، رېئاللىقنىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ، ھەم شۇنداقلا ياش ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇسى. بەزىلەر،بۇ «90- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلار» ۋە «يېڭى ئەسىر باشلىرىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار» دەۋرگە تىرەكلىك بولالامدۇ-يوق، دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمما چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ياشلارنىڭ كەينى-كەينىدىن قايتىپ كېلىشى، كەلگۈسى چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ پولاتتەك تاۋلىنىشى ۋە ياش پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشى قاتارلىقلارغا ئەگىشىپ، بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەندىشىدە بولىۋاتقان ئۇ كىشىلەر ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپتىن يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان ياشلاردىن ئېنىق بىر جاۋابقا ئېرىشمەكتە.

  يېڭى بىر دەۋرنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئوت يۈرەك ياشلار مۇشۇ دەۋرنىڭ ئەزىمەتلىرى بولالىشى كېرەك، ياشلىق ئارزۇسىنى كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرۇپ، كىشىلىك ھايات سەھىپىسىنى چوقۇم يېزىپ پۈتتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر