باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ لىخۇا: مۇھىت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك

2017.10.24 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23- چېسلا كەچ سائەت يەتتىدە، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» تېمىسىدىكى كوللېكتىپ زىيارەت يىغىنى بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزىدە ئېچىلدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى مۇھىت ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جاڭ لىخۇا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جاڭ لىخۇا مۇنۇلارنى سۆزلىدى: يەر شارى كۆپچىلىكنىڭدۇر، شۇڭا، يەر شارىنى قوغداش ئىشى بولسا، يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ قىلىدىغان ئىشى. مۇھىت تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپچىلىككە بۇ نۇقتىنى تونۇشتۇرۇش كېرەك. مەن ئۆزۈم مۇھىت ئاسراش نازارىتىنىڭ تەشۋىقات-تەربىيە خىزمىتىدە ئۈچ يىل مۇدىرلىق قىلىپ ئىشلىگەن ئىدىم، شۇڭا بۇ جەھەتتە بەزى تەسىراتلىرىم بار.جاڭ لىخۇا مۇھىت ئاسراش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، مۇھىت تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەشتە نۇرغۇن چارە بار، تاراتقۇلار ھەر تەرەپلىمە ھالدا ئاكتىپ كۈچنى تەشۋىق قىلغاندىن باشقا، يەنە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق تەشۋىقاتلارنى قىلىپ تۇرىشى كېرەك. مەسىلەن، مەن ئۆزۈم تۇرۇشلۇق لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە، تەشۋىقات خادىملىرى ئورگان، ئارمىيە، كارخانا، مەكتەپ، يېزا ۋە مەھەللىلەرگە كىرىپ، مۇھىت ئاسراشنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى سۆزلەش، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارقىتىش دېگەندەك مۇھىت ئاسراش دەرسخانىسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە يېشىللارنى بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مەسىلەن، يېشىل مەكتەپ، يېشىل كارخانا، يېشىل ئائىلە ۋە يېشىل ئورگان قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىش دېگەندەك. ئۇندىن باشقا، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك مۇھىت ئاسراش نازارىتى باش بولۇپ، مائارىپ نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ تۈزىگەن «ئادەم ۋە تەبىئەت» ناملىق دەرسلىك بولسا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا، كۆپچىلىككە مۇھىت ئاسراش ئىشىنى قانداق قىلىشنى ئېيتىپ بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر