باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بىر يۇغۇر مىللىتى ۋەكىلىنىڭ ئۈچ ئارزۇسى

2017.10.24 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تىنچ ۋە چوڭقۇر بىر كۆل، گۈزەل ۋە بىپايان بىر يايلاق، بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن قارلىق تاغلار …

  چىليەنشەن تېغىنىڭ مۇشۇنداق گۈزەل مەنزىللىرىنى نامايان قىلىدىغان مانا مۇشۇنداق سۈرەتلەرنى 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى مىڭخۇا يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خې ۋېيگو ئۇدا يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن.

  بۇ سۈرەتلەرگە ئۇنىڭ چىليەنشەن تېغىغا بولغان سېغىنىشى يۈكلەنگەن بولۇپلا قالماي، بۇ سۈرەتتە يەنە تېخى ئۇنىڭ بىر ئارزۇسىمۇ ئىپادىلىنىدىكەن. شۇڭا ئۇ شۇنداق دەيدۇكى، "چىليەنشەن تېغى سۇنەن ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىر <ئانا تاغ> ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا خۇددى ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىغا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى ئارزۇ قىلىمەنكى، چىليەنشەن رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش مەسىلىسىدە، دۆلىتىمىز يەرلىككە تېخىمۇ كۆپ مەدەت ۋە ياردەملەرنى بەرسە ئىكەن.

  سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى بولسا، گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرىگە قارايدىغان بىر ناھىيە بولۇپ، ئۇ، ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى. ئۇ ناھىيە خېشى كارىدورىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان، ھەمدە چىلەنشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ %75ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ يەرگە يۇغۇر، زاڭزۇ، خەنزۇ ۋە موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەردىن بولۇپ جەئىي 10 نەچچە خىل مىللەت ئولتۇراقلاشقان.

  يۇغۇرچە مىللىي كىيىم كىيگەن بۇ ۋەكىل خې ۋېيگو داۋاملىق سۆزلەپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسى ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىسىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىدە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ھازىر شۇ جايدىكى چارۋىچىلار ئاڭلىق ۋە ئىختىيارىي ھالدا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تېما بولۇپ قالغان ھالدىكى بىر خىل ھەرىكەتكە ئايلاندى. مەسىلەن، شۇ جايدىكى ئوتلاقلارغا كىشىلەر چىتلاق قۇرۇپ، ئۇ جايلارنى رايون بويىچە نۆۋەتلىشىپ بېقىۋاتىدۇ. شۇ ئارقىلىق، ئوتلاقلارغا نەپەس ئېلىۋېلىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش پۇرسىتىنى بېرىۋاتىدۇ؛ پۇقرالاردىكى باقمىچىلىق ۋە چارۋىچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى ئاڭلىق ھالدا تىزگىنلەپ، ھەددىدىن زىيادە چارۋا بېقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ؛ ئەگەر سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئوتلاق ئۈستىدە ماشىنا ھەيدىسە، چارۋىچىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ، ئۇلارنى توسىۋاتىدۇ.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى «گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش» دېگەن بۇ سۆز ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

  خې ۋېيگو مۇنداق دېدى: »دوكلاتتا دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان ھالدىكى تەبىئىي قوغدىلىدىغان جايلار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، چىليەنشەن مۇشۇ پىلان دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ، بىز ئۈچۈن زور تارىخىي پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ، پىلان قىلغاندا، دۆلىتىمىز شۇ جايدىكى چارۋىچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش مەسىلىسىنى كۆپرەك ئويلاپ قويۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

  مۇھىت گۈزەل بولسا، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. يېزىلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇشۇ بىرقانچە يىلدىن بېرىيۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر خې ۋېيگونىڭ كۆڭلىدىكى بىر خۇشاللىنارلىق ئىش بولۇپ قالدى.

  ئۆز يۇرتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ جانلىق ھالدا مۇنداق دېدى: %70دىن %80گىچە بولغان دېھقان چارۋىچىلار ئىلگىرىكى كېسەك ئۆيلەر ۋە كىگىز ئۆيلەردىن يۆتكىلىپ چىقىپ، ھازىر ئازادە ۋە يورۇق بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئۇلارنى تېخى يەنە ئائىلە ئاپتوموبىللىرىمۇ بار بولدى؛ بۇرۇن چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۆزئارا ئالاقىلىشىش راۋان ئەمەس ئىدى، ھازىر ھەممە ئادەمدە دېگۈدەك بىردىن يانفون بار بولدى، بىر جايىدى تۇرۇپلا دۇنيادىكى ھەممە ئىشلارنى بىلەلەيدۇ؛ جاڭيې شەھىرىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ۋە ئايرودۇرۇم قۇرۇلغاندىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتىدا سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلىپ كېلىشلىرى ئادەتتىكى بىر ئىش بولۇپ قالدى.

  خې ۋېيگو ئىككىنچى ئارزۇسىنىمۇ ئىپادە قىلىپ، شۇنداق دېدىكى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلانسىكەن، ئومۇمىي ساپاسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلسىكەن.دېمەك، خې ۋېيگو تۆۋەندىكىدەك مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا تولىمۇ تەقەززا ئىكەن. ئۇ، ئاشۇ تەقەززالىقلارنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەردە يەنە تېخى نۇرغۇنلىغان شېخىللىق يوللار بار، كەلگۈسىدە ئۇ جايلاردا تېخىمۇ كۆپ ئاسفالىت يوللار ياتقۇزۇلغۇسىى».«پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرى تېخىچە بىرقەدەر تار ھالەتتە تۇرماقتا، ناھىيەدىكى ئورمانچىلىق ئىشچىلىرى ناھايىتى چەكلىك، ئەمما بىر قىسىم دېھقان-چارۋىچىلارنى ئورمان مۇھاپىزەتچىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ»، «زور كۈچ بىلەن مايسا يېتىشتۈرۈش بازىلىرىنى قۇرۈپ، ئېكولوگىيەلىك ئورمانچىلىق ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك بولىۋاتىدۇ.»

  خې ۋېيگو مۇنداق دېدى: «ھازىر ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولدى، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشى تېخىمۇ كۈچەيدى. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ كىتاب ئۇقۇپ قويۇشىلا ۋە خەت يېزىپ قويۇشىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلار يەنە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق تەربىيەلەشلەرنى قوبۇل قىلىشى، ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى، قانۇننى تېخىمۇ ياخشى بىلىشى، تېخىمۇ سەمىمىي بولۇشى كېرەك.

  خې ۋېيگو يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: مىڭخۇا كەنتىدە، دېھقان-چارۋىچىلاردىن چىققان پارتىيە ئەزالىرى ھەر ئايدا كەم دېگەندە ئىككى قېتىم سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىدۇ، ھەر ئينىڭ 15- كۈنى ناھىيە بويىچە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇقىم ئۆگىنىش قىلىدىغان كۈنى، بۇ تۈزۈم ئۆزگەرمەيدۇ. خې ۋېيگو يەنە سەمىمىي بولغان باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى مۇشۇ باشقۇرۇش قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  خې ۋېيگو ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى ئارزۇسىنىمۇ سۆزلەپ، مۇنداق دېدى: ھەر بىر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونومىيە تۈزۈمى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قاتارلىقلار ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدىكى يېزا-كەنت باشقۇرۇش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرگەن ھالدا قۇرۇپ چىقىلسا ئىكەن، بىز يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارزۇيىمىزنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرساق ئىكەن.

  ئۇ يەنە مۇندا دېدى: يىغىن مەزگىلىدە يۇرتتىكىلەر ماڭا تېلېفون قىلدى. ئۇلار ھازىر ھەممىسى مىنىڭ بالدۇرراق قايتىپ بېرىپ، ئۇلارغا 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەينەن يەتكۈزۈپ بېرىشنى كۈتمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر