باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور پونكىتلىرى، خەۋەر تېرمىناللىرى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈشىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ

2017.10.24 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭىدىن سايلاپ چىقىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.

  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو ئاۋازى، ئىقتىساد ئاۋازى، جۇڭخۇا ئاۋازى ۋە خۇاشيا ئاۋازى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، خەنزۇچە خەلقئارا قانىلى، خەۋەرلەر قانىلى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەر قايسى تىللاردىكى قاناللىرى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلىدا نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ ۋە ئاڭلىتىدۇ، خەلق تورى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو تورى، خەلق گېزىتى تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر تېرمىنالى بىۋاسىتە كۆرسىتىدۇ ۋە ئاڭلىتىدۇ.

  مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى، رادىيو ئىستانسىسىلىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيداندىن كۆرسىتىش ۋە ئاڭلىتىش ئەھۋالىنى ئۇلاپ كۆرسىتىدۇ ۋە ئاڭلىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر