باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19-قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات يېڭى موتورىنى قوزغاتتى

2017.10.23 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچى». پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئىجادچان دۆلەت قۇرۇشنى تىزلىتىشنىڭ كۈچلۈك بۇرغىسىنى چالدى. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشمۇ مەيدان ئىچى-سىرتىدىكىلەر قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىلىق تېمىغا ئايلاندى. بەش يىلدىن بۇيانقى زور نەتىجىلەرگە قاراپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئاشتى؛ كەلگۈسى گۈزەل ئىستىقبالىنى ئويلاپ ۋەكىللەر ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولدى.

  ئىلغار تېخنىكىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بەردى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، ئەرش ئوردىسى، ئەجدىھا، ئالەم كۆزى، موزى، چوڭ ئايروپىلان قاتارلىق مۇھىم پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى». ئۆتكەن بەش يىلدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تەرەققىياتتىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتا دېيىشكە بولىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشى بىلەن زور نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىلغار تېخنىكىسى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، غەربىي جەنۇب قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى پويىز ۋە لىنىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، ۋەكىل جەي ۋەنمىڭ مۇنداق دېدى: مەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ باقمىغان «يەرلىك پىروفېسسور»، لېكىن مېنىڭ ھازىرقى پەن تەتقىقات ئەترىتىمدە نۇرغۇن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بار، ئۇلار جۇڭگونىڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. چەت ئەلدىكى كەسىپداشلىرىممۇ دائىم «جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزى ساھەسى كېيىنكى قەدەمدە نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۆتكەن بەش يىلدا پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە مەدەت بېرىش مىسلىسىز بولدى، بولۇپمۇ رېلىسلىق قاتناش ساھەسىدە دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل پەن تەتقىقات سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، دۆلىتىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قوللىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر