باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 15:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. پارتىيەمىز چوقۇم يېڭى كەيپىيات يارىتىشى، يېڭى ئىشقا تۇتۇش قىلىشى لازىم. بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى شەرت. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا پارتىيە رەھبەرلىكىنى قىلچە تەۋرەنمەي قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پارتىيەنى قىلچە تەۋرەنمەي تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. پۈتۈن پارتىيە شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى مۇرەككەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان ئامىللارمۇ مۇرەككەپ، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئىدىيە ساپ بولماسلىق، تەشكىلات ساپ بولماسلىق، ئىستىل ساپ بولماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل بولغىنى يوق. پارتىيە دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى، پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدار يېتەرسىزلىك خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق- چىرىكلىك خەۋپىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى ۋە جىددىيلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى، ئىلغارلىق ۋە پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئاساسىي لىنىيە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى، غايە- ئېتىقاد- ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەشنى ئۇل، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادكارلىقىنى قوزغاشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنى باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن دىلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدىن دادىل ئىنقىلاب قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران- چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى ماركسىزملىق پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.

  بىرىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. پۈتۈن پارتىيەنىڭ مەركىزىي كومىتېتقا بويسۇنۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. پۈتۈن پارتىيە پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى سىياسىي تۇرمۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزاننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ سىياسىيلىقى، دەۋرلىكى، پىرىنسىپاللىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاۋار ئالماشتۇرۇش پىرىنسىپىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى تۇرمۇشنى چىرىتىشىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىش لازىم. دېموكراتىيە − مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىگە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە ئاساسىدىكى مەركەزلەشتۈرۈش بىلەن مەركەزلەشتۈرۈش يېتەكچىلىكىدىكى دېموكراتىيەنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ھەم مەركەزلەشتۈرۈش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. سادىق- سەمىمىي، ئادىل- دۇرۇس بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، پاك- دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شەخسىيەتچىلىك، تارقاقچىلىق، لىبېرالىزم، تار مەھكىمىچىلىك ۋە ياخشىچاقلىقنىڭ، مەزھەپچىلىك، مۇناسىۋەت مەدەنىيىتى، گۇرۇھۋازلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىشقا ۋە ئىككى يۈزلىمىچى بولۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئېڭى ۋە سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيە ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇش لازىم. كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى − جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى ۋە سىياسىي جېنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ساقلاشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى. غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىشنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىدا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنى پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى خىسلىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت نېگىزلىك مەسىلىنى ئوبدان ھەل قىلىپ، ئاڭلىقلىق بىلەن كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ شەكسىز ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش لازىم. ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» بويىچە ئۆگىنىش تەربىيەنىڭ دائىملىشىشى ۋە تۈزۈملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە- باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق، بۇرچنى ئەستە چىڭ تۇتۇش» تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، مېڭىنى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بوشاشماي تېخىمۇ ئاڭلىق كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  ئۈچىنچى، كەسىپلەشكەن ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە كادىر باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، ھەر يەر- ھەر يەردىن بولۇش، ياخشىلارنى ئىشقا قويۇشتا كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئادىل - دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئادەم تاللاش- ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش كەيپىياتىنى توغرىلاپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «تۆت ئاڭ» ۋە «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغدايدىغان، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرىدىغان ۋە ئىجرا قىلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم ئىشقا قويۇش، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە مۇنەۋۋەر، قابىل كادىرلارنى سەپلەش كېرەك. كەسپىي ئىقتىدار ۋە كەسپىي روھنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە لايىقلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم. ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ ۋە تەييارلاپ، ياش كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ۋە قىيىنچىلىق ئېغىر، جاپالىق جايلاردا تەربىيەلەش ۋە چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ئارقا- ئارقىدىن ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش كېرەك. ئايال كادىرلار، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش- ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ئوبدان ئىشلەش لازىم. دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئوبدان ئىشلەش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن ئوبدان كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى سىناش- باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىغبەت مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش- تۈزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، پۇختا ئىشلەيدىغان، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتمايدىغان كادىرلارغا ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن مەدەتكار بولۇش لازىم. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيۈنۈش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىش كېرەك.

  ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ دائىرىدە يىغىپ ئىشلىتىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتىنى تېز قۇرۇش لازىم. تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى بايقايدىغان ئۆتكۈر كۆز، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان سەمىمىيەت، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىدىغان جاسارەت، ئىختىساسلىقلارنى سىغدۇرىدىغان سەۋر- تاقەت، ئىختىساسلىقلارنى توپلايدىغان ياخشى چارە بىلەن پارتىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى، ھەر تەرەپتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشىگە جەلپ قىلىش، ئىختىساسلىقلارنىڭ چەت- ياقا، نامرات رايونلار، چېگرا رايونلار، مىللىي رايونلار، كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە يۆتكىلىشىگە ئىلھام بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولۇپ چىقالايدىغان، ھەممە ئادەم ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش، ھەرخىل ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى بەس- بەستە ئۇرغۇتۇش، ئەقىل- پاراسىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. تەشكىلىي ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي فۇنكسىيەنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ياچېيكىلىرى پارتىيە ئەزالىرىنى بىۋاسىتە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئوبدان ئۈستىگە ئېلىشى لازىم. «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە پائالىيەت ئۇسۇلىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بەزى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىش، مەۋھۇملىشىش، چەتلىشىش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم. پارتىيەنىڭ ئىچكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيەسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىش، پارتىيەنىڭ تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلىرىنى نازارەت قىلىش، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. سانائەت ئىشچىلىرى، ياش دېھقانلار، ئالىي مەلۇماتلىقلار ئارىسىدىن ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن پارتىيەگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. لاياقەتسىز پارتىيە ئەزالىرىغا تەشكىلىي چارە كۆرۈش خىزمىتىنى پۇختا ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش لازىم.

  بەشىنچى، ئۇزاققىچە بوشاشماي ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغانلىكى مەسىلىلەرگە جىددىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكى قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. يۇقىرى تۆۋەننى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى داۋاملىق تۈزەپ، ئىمتىيازچىلىق ئىدىيەسى ۋە ئىمتىيازچىلىق خاھىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش لازىم. سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزامنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىنىڭ چىڭىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىدنى قانات يايدۇرۇشتا، ئالدىنقىلاردىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىلەرگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش- ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنىڭ «تۆت خىل شەكلى»نى قوللىنىپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇش، بىخ ھالىتىدە يوقىتىش لازىم. كادىر باشقۇرۇش ھوقۇقى بار پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا مۇناسىپ ھالدا ئىنتىزام جازاسى بېرىش ھوقۇقى بېرىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىش ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ھېيىقىدىغان، ئۆزىنى تارتىدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان قىلىش، نازارەت قىلىنىدىغان ۋە چەكلىنىدىغان مۇھىتتا ئىشلەش- ياشاشقا ئادەتلەندۈرۈش لازىم.

  ئالتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى مۇستەھكەملەيدىغان، مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئىرادە ئۇيۇل تاشتەك چىڭ بولۇشى شەرت. چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق توسۇش، كۈچلۈك يۇقىرى بېسىم ئىشلىتىش، ئۇزاققىچە چۆچۈتۈش، پارا ئالغانلار بىلەن پارا بەرگەنلەرنى بىرلىكتە تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدە مەنپەئەت گۇرۇھى شەكىللىنىپ قېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم. شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوملاردا تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئامما ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىسىنى تۈزىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. چىرىكلەشكەنلەر مەيلى قەيەرگە قېچىپ بارسۇن ئۇلارنى شۇ يەردىن تۇتۇپ كېلىپ، قانۇن بويىچە جازالاش لازىم. دۆلەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنى قاپلىغان پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش سۇپىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشەلمەسلىك قەپىسىنى پۇختىلاپ، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق پاك- ئادىل مۇھىت يارىتىش لازىم.

  يەتتىنچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنىڭ نېگىزى − پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشىنى ۋە ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىشكە تايىنىش. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىلغان تەشكىلىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىلغان دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى ياخشىلاپ، تەڭ دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىلغان كۈندىلىك باشقۇرۇش- نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش لازىم. سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلە بايقاش، ھەيۋە شەكىللەندۈرۈشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش بىلەن تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەتچىلىك تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىناق خىزمىتىنى پۈتۈن مەملىكەتتە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىش بېجىرىدىغان مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرىنى قۇرۇپ، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۈستىدىن مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنىنى تۈزۈپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرىغا قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەت، ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەكشۈرۈش ۋاسىتىسىنى بەلگىلەپ بېرىپ، «ئىككىدە تاپشۇرۇش» تەدبىرىنىڭ ئورنىغا قالدۇرۇپ تۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەپتىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىستاتىستىكا تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. پارتىيە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، نوپۇزلۇق- ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بىلەن باغلاپ، نازارەتچىلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  سەككىزىنچى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش لازىم. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بار سوتسىيالىستىك چوڭ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىشتا، پارتىيەمىز ھەم سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈشى، ھەم قابىلىيىتى كۈچلۈك بولۇشى لازىم. ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەدە ماھىرلىق بىلەن ئۆگىنىدىغان، باتۇرلۇق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، ماركسىزملىق ئۆگىنىشچان پارتىيە قۇرۇپ، ئۆگىنىشچان چوڭ دۆلەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىياسىي رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، ئىجادىي تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش- يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپەتنى ساقلاش لازىم. ئىلمىي تەرەققىيات قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ماھىر بولۇپ، تەرەققىياتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى قاپلىغان ئىچكى نىزام- تۈزۈم سىستېمىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش لازىم. ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمى، شەكلى ۋە ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىق ۋە ئاممىۋىلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي تەدبىر كۆرۈش ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چاقماقتەك تېز ھەرىكەتكە كېلىش بىلەن ئۇزاققىچە بوشاشماي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئورگانىك ئاساستا بىرلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى دادىل يېڭىپ، تۈرلۈك خىزمەتنى مىخ روھى بىلەن ئەمەلىي، ئىنچىكە ۋە ئوبدان ئىشلەش كېرەك. خەۋپ- خەتەرنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر جەھەتتىكى خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۇرەككەپ زىددىيەتنى ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ھەر خىل جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەرنى دادىل يېڭىپ، خىزمەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى چىڭ ئىگىلەش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئۇلۇغ ئىشقا قۇدرەتلىك پارتىيە رەھبەرلىك قىلىشى شەرت. پارتىيەمىز ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئوبدان ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باشتىن- ئاخىر خەلق بىلەن ئوي- پىكىردە، ئىشلەشتە بىللە بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلسىلا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك باشلاپ بارالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تارىخنىڭ چاقى توختىماي ئىلگىرىلەيدۇ، دەۋر ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەيدۇ. تارىخ قەيسەر، جاسارەتلىك، كۈرەشچان كىشىلەرگىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىككىلەنگۈچىلەرنى، ھۇرۇنلارنى، قىيىنچىلىقتىن قورقىدىغانلارنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش، مەغرۇرلۇق- ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىش ئىستىلىنى ساقلاپ، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، ھەر بىر مىنۇتنى چىڭ تۇتۇش روھى بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى لازىم. پۈتۈن پارتىيە چوقۇم پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، مەملىكەت ئىچى- سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت پارلاق ئىستىقبالغا يۈرۈش قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ياشلار روناق تاپسا دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى − تارىخىي ئارزۇ، رېئال ئارزۇ، شۇنداقلا كېلەچەك ئارزۇسى؛ بىز بىر ئەۋلادنىڭ ئارزۇسى، بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ ئارزۇسى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. پۈتۈن پارتىيە ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشى، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى نۇرلاندۇرۇشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى لازىم. كەڭ ياشلار غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغۋار غايە تۇرغۇزۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، دادىللىق بىلەن دەۋر ئەزىمەتلىرىدىن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە ياشلىق ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرۇشى، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش داۋامىدا كىشىلىك ھاياتىنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى ئېچىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ئالىي غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلگەندە جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ. بىز 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىندا، جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەشتە توپلىغان مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئېلىۋاتىمىز، بىز 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ مۇجەسسەملەنگەن قۇدرەتلىك كۈچىگە ئىگىمىز، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چەكسىز كەڭ دەۋر سەھنىسىگە، مىسلىسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگىمىز. پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر