باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 15:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنسانىيەتكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى باشتىن- ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ كەلدى.

  جۇڭگو تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق مەنپەئەتدارلىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى قەتئىي راۋاجلاندۇرۇپ، بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيا زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات − ھېلىھەم دەۋر تېمىسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيا دۇچ كەلگەن مۇقىمسىزلىق ۋە ئېنىقسىزلىق گەۋدىلىنىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت بىرمۇنچە ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز ياشاۋاتقان دۇنيا − ئۈمىدكە تولغان، خىرىسقىمۇ تولغان دۇنيا. بىز رېئاللىق مۇرەككەپ دەپ ئارزۇيىمىزدىن كەچسەك، ئارزۇ يىراق دەپ ئىزدىنىشتىن كەچسەك بولمايدۇ. ھەرقانداق دۆلەت ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن خىرىسقا مۇستەقىل تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەرقانداق دۆلەت بېكىنمىچىلىك ھالىتىگە قايتالمايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تىنچلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز. بىر- بىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەرلىك ئاساسىدا كېڭىشىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، دۆلەتلەر ئارا ئالاقىنىڭ قارشىلاشماي سۆھبەتلىشىدىغان، ئىتتىپاق تۈزمەي ھەمراھ بولىدىغان يېڭى يولىدا مېڭىش كېرەك. تالاش- تارتىشنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش، ئىختىلاپنى كېڭىشىپ پەسەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە بىر تۇتاش تاقابىل تۇرۇش، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم. جاپا- مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ ئەركىنلىشىشى ۋە قولايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ بولغان، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان يۆنىلىش بويىچە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۇنيا مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيلىكتە ئالاقە قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك توقۇنۇشىدىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىكتە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك ئەۋزەللىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈش لازىم. مۇھىت سۆيەرلىكتە چىڭ تۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ياشاش ماكانى بولغان يەر شارىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ، ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشقا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو باشقا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي تاپىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق- مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىدىغان ئىشنىمۇ ھەرگىز قىلمايدۇ، ھەر قانداق ئادەم جۇڭگو ئۆز مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارغا سۈكۈت قىلىدۇ دەپ خام خىيال قىلمىسۇن. جۇڭگو مۇداپىئەلىك دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدۇ. جۇڭگو ھەرقانچە تەرەققىي قىلسىمۇ مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنياۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال راۋجلاندۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مەنپەئەت قوشۇلۇش نۇقتىسىنى زورايتىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، تەڭپۇڭ راۋاجلىنىدىغان چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى رامكىسىنى بەرپا قىلىدۇ، دوستانە، سەمىمىي، مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ئەپ ئۆتىدىغان، قوشنىلارنى ھەمراھ قىلىدىغان ئەتراپ دىپلوماتىيە فاڭجېنىغا بىنائەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ۋە چىن دوستلۇق- سەمىمىيلىك ئىدىيەسىنى قۇۋۋەتلەپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشتا چىڭ تۇرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسەت، ئەسلىھە، سودا، مەبلەغ ۋە ئەلرايىنى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا يېڭى كۈچ قوشىدۇ. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەنۇب- شىمال تەرەققىيات پەرقىنىڭ كىچىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوچۇق دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيانى ئىدارە قىلىشنىڭ ئورتاق مەسلىھەتلىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، دۆلەتلەرنىڭ چوڭ- كىچىك، كۈچلۈك- ئاجىز، باي- نامرات بولۇشىغا قارىماي باب باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرىدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجابىي رول ئوينىشىنى قوللاپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ۋە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىنى چوڭايتىشنى قوللايدۇ، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا پائال ئىشتىراك قىلىپ، جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچ- قۇۋۋىتى ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنيانىڭ تەقدىرى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ قولىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى تاللىغان يولغا باغلىق. جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر