باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش لازىم

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 15:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت − ھاياتلىق بىرلەشمىسى، ئىنسانلار تەبىئەتنى ھۆرمەتلىشى، تەبىئەتكە ماسلىشىشى، تەبىئەتنى قوغدىشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ئېلىپ بېرىۋاتقان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى − ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى، ھەم تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىق ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ كۆپ، سۈپەتلىك ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن قاندۇرۇش لازىم. تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تەبىئىيلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان ماكان ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، تەبىئەتنىڭ تىنچلىقى، ماسلىقى، گۈزەللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش شەرت.

  بىرىنچى، يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېشىل ئىستېمالغا دائىر قانۇن تۈزۈمى ۋە سىياسەت يېتەكچىلىكىنى تېز بەرپا قىلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئايلانما تەرەققىياتنىڭ ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بازار يېتەكچىلىكىدىكى يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەر، مۇھىت ئاسرار كەسىپلەرنى، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش كەسىپلىرى ۋە پاكىز ئېنېرگىيە كەسىپلىرىنى زورايتىش لازىم. ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. بايلىقنى ئومۇميۈزلۈك تېجەش ۋە ئۇنىڭدىن ئايلانما پايدىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى ۋە ماددىي سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى بىلەن تۇرمۇش سىستېمىسىنىڭ ئايلانما جىپسىلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. ئاددىي- مۇۋاپىق، يېشىل- تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش، ھەشەمەتچىلىك- ئىسراپچىلىققا ۋە نامۇۋاپىق ئىستېمالغا قارشى تۇرۇش، ئىقتىسادچىل ئورگان، يېشىل ئائىلە، يېشىل مەكتەپ، يېشىل مەھەللە بەرپا قىلىش ۋە يېشىل سەپەر قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش لازىم. ئومۇمىي خەلق ئورتاق تۈزەش، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش لازىم. سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋادى مۇھىتى ۋە قىرغاققا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كېرەك. تۇپراق بۇلغىنىشىنى باشقۇرۇش- تىزگىنلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئوڭشاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. قاتتىق تاشلاندۇق ۋە ئەخلەتنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، بۇلغىما چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراش ئىناۋىتىنى باھالاش، ئۇچۇرنى مەجبۇرىي ئاشكارىلاش، قاتتىق جازالاش، ئېغىر جەرىمانە قويۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، كارخانا سۇبيېكت قىلىنغان، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئامما ئورتاق ئىشتىراك قىلىدىغان مۇھىت تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يەر شارى مۇھىتىنى تۈزەشكە پائال قاتنىشىپ، بۇلغىما ئازايتىش ۋەدىمىزنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم.

  ئۈچىنچى، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە دائىر زور قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ئېكولوگىيە كارىدورى ۋە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش تورىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قوغداش سىزىقى، شەھەر- بازارنى ئېچىش پاسىل سىزىقىدىن ئىبارەت ئۈچ كونترول سىزىقىنى بېكىتىش خىزمىتىنى تاماملاش لازىم. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چۆللىشىش، قۇملىشىش، سۇ ۋە تۇپراق ئېقىپ كېتىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، گېئوئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك. تەبىئىي ئورماننى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم. تېرىلغۇ يەرنى قاتتىق قوغداپ، نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش- شۈدىگەرلەش سىنىقىنى كېڭەيتىپ، تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ئورمان، دەريا، كۆللەرگە ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش ئىمكانىيىتى بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش لازىم. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ۋە تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە تەبىئىي ئېكولوگىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ، ئېكولوگىيە مۇھىت باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇم ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، بارلىق زېمىن بوشلۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش- ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش، شەھەر- يېزىلاردىكى تۈرلۈك بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش ئادا قىلىش لازىم. دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش- قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلارنىڭ يانداش سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت باغچىسى گەۋدە قىلىنغان تەبىئىي مۇھاپىزەت جاي سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قەتئىي توسۇش ۋە جازاغا تارتىش لازىم.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى − ھازىر ئەجىر قىلىپ كېيىنكى ئەۋلادلارغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىش. بىز سوتسىيالىستىك ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ماس تەرەققىي قىلىدىغان زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشى يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەر ئۆز تىرىشچانلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر