باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش لازىم

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 14:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىردىن 2020- يىلىغىچە بولغان مەزگىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش مەزگىلى. پارتىيەنىڭ 16- ، 17- ، 18- قۇرۇلتايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەققىدىكى تەلەپلەر بويىچە جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى پەن- مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، رايونلار تەڭكەش تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەسى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇشنى، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشنى، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، بولۇپمۇ چوڭ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىش، بۇ ئارقىلىق خەلق ئېتىراپ قىلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن 20- قۇرۇلتىيىغىچە بولغان مەزگىل «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنىڭ تارىخىي گىرەلەشمە مەزگىلى. بىز ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ھەم ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىز لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە ئىچكى ۋەزىيەتنى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات شارائىتىنى ھەر تەرەپلىمە تەھلىل قىلغاندا، 2020- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلنى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

  2020- يىلىدىن 2035- يىلىغىچە بولغان بىرىنچى باسقۇچتا،ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن- تېخنىكا كۈچى زوردەرىجىدە ئېشىپ، ئىجادچان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتىدۇ؛ خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈملەر تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئاساسەن ئىشقا ئاشىدۇ؛ جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ ۋە چوڭقۇرلىشىدۇ؛ خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ باياشاتلىشىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنىڭ نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، شەھەر- يېزىلارنىڭ ۋە رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقى ۋە ئاھالىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيە پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشى ئاساسەن ئىشقا ئېشىپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بېيىتىشتا پۇختا قەدەم تاشلىنىدۇ؛ زامانىۋى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئىناق، تەرتىپلىك جەمئىيەت بەرپا قىلىنىدۇ؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈپتىن ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشىدۇ.

  2035- يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئىككىنچى باسقۇچتا، زامانىۋىلىشىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشقان ئاساستا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز زامانىۋىلاشقان باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇپ چىقىدۇ. شۇ چاغقا بارغاندا، دۆلىتىمىز ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىدە ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچى جەھەتتە باشلامچى دۆلەت بولۇپ قالىدۇ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ، خەلقىمىز تېخىمۇ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتى دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا تېخىمۇ مەردانە قىياپەت بىلەن قەد كۆتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئاندىن زامانىۋىلىشىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇ ئاساستا زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش − يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى. بىز ئېگىلمەس- سۇنماس ئىرادە بىلەن ئۇزاققىچە تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپە ئاچايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر