باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرى

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 14:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى شەرھلىدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: پۈتۈن پارتىيە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتتە ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم.

  (1) پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيە جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە ۋە ھەرىكەت جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ سالماقلىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى پىلانلاش، سىياسەت بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر ئومۇمىيەتنى ئىگىلىشى، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  (2) خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل پائالىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش شەرت.

  (3) ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، زامانغا لايىق كەلمەيدىغان بارلىق ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇۋېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ پايدىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، مۇكەممەل، ئىلمىي بولغان، قېلىپلاشقان، ئۈنۈملۈك تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش شەرت.

  (4) يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش. تەرەققىيات − دۆلىتىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. تەرەققىيات ئىلمىي تەرەققىيات بولۇشى شەرت. ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇش شەرت.

  (5) خەلق خوجايىن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدە كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسي قاتلام ئامما ئاپتونومىيەسى تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلقنىڭ خوجايىن بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش شەرت.

  (6) دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاساسىي قانۇن يادرو قىلىنغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق نەزەرىيەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىل دۆلەت، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى بىر گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى قائىدە- نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مىللەتنىڭ قانۇنچىللىق مەلۇماتى ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش شەرت.

  (7)سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش. ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزلىشىشى، ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەسلىنى ئۇنتۇماي، چەت ئەلنىڭكىنى قوبۇل قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش، خەلقنى مەنىۋى يېتەكچىلىككە ئىگە قىلىش شەرت.

  (8) تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش. خەلق مەنپەئىتىنى كۆپرەك كۆزلەپ، خەلقنىڭ غېمىنى كۆپرەك يەپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق- ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەسلىگە كىرىدىغانلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار- يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق خەلقنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سۈرۈش شەرت.

  (9) ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت بىلەن ئىناق ئۆتۈشىدە چىڭ تۇرۇش. سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بايلىق تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئەڭ قاتتىق تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىيات شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلغان، تۇرمۇش باياشاتلاشقان، ئېكولوگىيە ياخشىلانغان مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىپ، خەلققە ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىش، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش شەرت.

  (10) ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرۇش. دۆلەت مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى ئاساسىي مەقسەت، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى تۈپ ئاساس قىلىپ، تاشقى خەۋپسىزلىك بىلەن ئىچكى خەۋپسىزلىكنى، زېمىن خەۋپسىزلىكى بىلەن پۇقرالار خەۋپسىزلىكىنى، ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك بىلەن غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىكنى، ئۆز خەۋپسىزلىكى بىلەن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش نەزەردە تۇتۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىك تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش شەرت.

  (11) پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش. پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىشىغا دائىر بىر قاتار تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى ئورنىنى تۇرغۇزۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي بويىچە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇشنى كۆزلەشكە، يېڭىلىق يارىتىشنى تۈرتكە قىلىشقا، سىستېما قۇرۇلۇشى بەرپا قىلىشقا، تۈجۈپىلىك- ئۈنۈملۈك ئىش كۆرۈشكە، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرىكتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت.

  (12) «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى يولغا قويۇشتا ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. مەركەزنىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى قوغداش بىلەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە، ئۇنىڭدىن تەۋرەنمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش، «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»نى يولغا قويۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە، يولدىن چىقىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا، «92- يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلايدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىش شەرت.

  (13) ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش. ئىچكى ئومۇمىيەت بىلەن خەلقئارا ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا باشتىن- ئاخىر ئېغىشماي مېڭىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، توغرا ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلاشما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭى خەۋپسىزلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىناق ئۆتۈش ئاساسىدا پەرقنى ساقلايدىغان، كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىدىغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، باشتىن- ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، دۇنيا تەرتىپىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش شەرت.

  (14) پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش. پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى ئىدىيە ئارقىلىق قۇرۇش ۋە تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ئوخشاش يۆنىلىش بويىچە كۈچەپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»تا، دېموكراتىيە- مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي تۇرمۇشىنى، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاكتىپ، ساغلام سىياسىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇپ، بارلىق ناتوغرا ئىستىلنى قەتئىي تۈزىتىپ، چىرىكلىكنى قىلچە يۈز- خاتىر قىلماي جازالاپ، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاش شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يۇقىرىقى 14 نۇقتا يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىنى ھاسىل قىلغان. پارتىيەدىكى بارلىق يولداشلار پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىشى شەرت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئەمەلىيەتنىڭ چېكى يوق، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭمۇ چېكى يوق. دۇنيادا ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، جۇڭگودىمۇ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىز نەزەرىيەدە دەۋرگە يېتىشىپ مېڭىپ، قانۇنىيەتنى ئۈزلۈكسىز تونۇپ يېتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش شۇنىڭدەك باشقا تەرەپلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز شەرت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر