باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 14:56         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئىچكى- تاشقى ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشمۇ، دۆلىتىمىزدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئالدىمىزغا مۇھىم دەۋر تېمىسىنى قويدى، ئۇ بولسىمۇ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، دېگەن مەسىلىلەرگە، جۈملىدىن يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش نىشانى، باش ۋەزىپىسى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئۇسۇلى، تەرەققىيات كۈچى، ئىستراتېگىيەلىك قەدەم- باسقۇچى، تاشقى شارائىتى، سىياسىي كاپالىتى قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرگە نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىش ھەمدە يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇنچىللىق، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە «بىر دۆلەت، ئىككى تۈزۈم»، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، بىرلىك سەپ، دىپلوماتىيە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نەزەرىيەۋى تەھلىل يۈرگۈزۈش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ ئوبدان قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ ئوبدان راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەمىز مۇشۇ مۇھىم دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر شارائىتى ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەلىپىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كومپارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى ۋە ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى يېپيېڭى نەزەر دائىرە ئارقىلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە جاپالىق ئىزدىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشتا زور نەتىجە قازىنىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ باش ۋەزىپىسى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلىشىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكى، ھاللىق جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلغان ئاساستا، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا زامانىۋىلاشقان، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ يېڭى دەۋردە جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىكەنلىكى، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئىكەنلىكى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش باش نىشانىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنىڭ پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىغان، ئىستىلى ياخشى بولغان خەلق ئارمىيەسى قۇرۇپ، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشىغا ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ زور ئەۋزەللىكىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ئىكەنلىكى، پارتىيەنىڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچ ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋردىكى باش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى − ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنىڭ ۋە كوللېكتىپ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى كۈرەشلىرىنىڭ ھەرىكەت قىبلىنەماسى، بۇ ئىدىيەنى ئۇزاققىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش شەرت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر