باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى − دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىدۇر

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 14:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىپىدە پارتىيەمىز ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. شۇ چاغدىن باشلاپ، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، پەن- تېخنىكا كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە كۈچى، ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشىگە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئورنىنىڭ مىسلىسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيەنىڭ قىياپىتىدە، دۆلەتنىڭ قىياپىتىدە، خەلقنىڭ قىياپىتىدە، ئارمىيەنىڭ قىياپىتىدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭخۇا مىللىتى يېپيېڭى قىياپەت بىلەن دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرمەكتە.

  ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنى ئەنە شۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب- ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى رېئاللىشىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21- ئەسىردىكى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە جۇشقۇنلۇققا تولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ دۇنيا ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادىكى تېز تەرەققىي قىلىشنىمۇ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنىمۇ ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتلەرگە يېپيېڭى يول تېپىپ بېرىپ، ئىنسانلار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتىنى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يېڭى دەۋر − ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇپ كېيىنكى ئىشلارغا ئاساس سېلىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدىغان دەۋر، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ زامانىۋىلاشقان سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاتلىنىدىغان دەۋر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىدىغان، بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پەيدىنپەي ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان دەۋر، دۆلىتىمىز دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە كۈندىن- كۈنگە يېقىنلىشىدىغان، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان دەۋر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى.

  شۇنى تونۇپ يېتىش شەرتكى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە بىر مۇنچە يېڭى تەلەپ قويدى. بىز تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش ئاساسىدا، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ئوبدان ھەل قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئېكولوگىيە جەھەتلەردە كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ ئوبدان تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  شۇنى تونۇپ يېتىش شەرتكى، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئۆزگەرگىنى بىلەن، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمى تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچ توغرىسىدىكى ھۆكۈمىمىز ئۆزگەرگىنى يوق. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان ھەم ئۇزاققىچە شۇ باسقۇچتا تۇرىدىغان ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە خاس خەلقئارا ئورنى ئۆزگەرگىنى يوق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىن ئىبارەت ئەڭ زور ئەمەلىيەتنى مەھكەم ئاساس قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدىن ئىبارەت ھاياتلىق يولى ۋە خەلقنىڭ بەخت- سائادەت يولىدا مەھكەم چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، تۆت ئاساسىي پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، دۆلىتىمىزنى زامانىۋىلاشقان، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا كۈرەش قىلىشى لازىم.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دۇنيانىڭ سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتۈن پارتىيە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلايلى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر