باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆتكەن بەش يىلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق

− يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا بەرگەن دوكلاتىدىن ئۈزۈندە

2017.10.20 14:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. يولداش شى جىنپىڭ 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتقان، قىسمەن توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش كۆپلەپ يۈز بېرىۋاتقان، يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر كەسكىنلىشىۋاتقان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورماللىققا قەدەم قويغان بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىش ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئومۇمىي روھىدا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۇق. بەش يىلدىن بۇيان، بىز «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈپ، 12- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى غەلىبىلىك ئورۇنداپ، 13- بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق.

  ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇلدى، تەرەققىيات قارىشى قەتئىي توغرىلاندى، تەرەققىيات ئۇسۇلى قەتئىي ئۆزگەرتىلدى، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىقتىساد داۋاملىق ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ 80 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە مۇقىم 2- ئورۇن تۇتۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى%30 تىن ئېشىپ كەتتى. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېز قەدەم بىلەن پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر جەھەتتىكى تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىللەتلىرى قەتئىي تۈگىتىلدى. ئىسلاھاتقا ئومۇميۈزلۈك كۈچەش ئارقىلىق كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈپ، ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقى تازا كۈچەيتىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، 1500دىن ئارتۇق ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنىڭ ئىسلاھاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجە قولغا كەلدى، مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي رامكىسى ئاساسەن تۇرغۇزۇلدى.

  دېموكراتىيە- قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي پائال راۋاجلاندى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئالغا سىلجىدى، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى − مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تېخىمۇ كېڭەيدى، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدى، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى، مىللەتلەر خىزمىتى، دىن خىزمىتى ئىجادكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى كۈندىن- كۈنگە مۇكەممەللەشتى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇنچىللىق قارىشى روشەن كۈچەيدى. دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسىنىڭ ئىسلاھات سىنىقىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  ئىدىيە- مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور نەتىجە قولغا كەلدى. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە قارىتىلغان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ روشەنلەشتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى.

  خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان نۇرغۇنلىغان تەدبىرلەر جايىدا ئەمەلىيلەشتى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجە قولغا كەلدى، 60 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %10.2 تىن تۆۋەنلەپ، %4 تىن تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى. مائارىپ ئىشلىرى ئەتراپلىق راۋاجلاندى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلار مائارىپى ۋە يېزا مائارىپى روشەن كۈچەيدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى سىجىل ياخشىلاندى، شەھەر- بازارلاردا ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. شەھەر- يېزا ئاھالىسى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى، كىرىمى ئوتتۇراھال كىشىلەر سىجىل كۆپەيدى. شەھەر- يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسەن بەرپا قىلىندى، خەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە داۋالىنىش- ساقلىق ساقلاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلاندى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئاڭلىقلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا سەل قاراش ئەھۋالى روشەن ئۆزگەرتىلدى.

  ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزەردە تۇتۇلۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېن تۈزۈلۈپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. خەلق ئارمىيەسى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە قولغا كەلدى.

  ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئەتراپلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرمىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى تاشقى شارائىت يارىتىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، ئىجادىيەت كۈچى يەنىمۇ ئېشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى، زور تۆھپە قوشۇلدى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئالاھىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ھالىتى قەتئىي ئۆزگەرتىلدى. پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىنى ھۆرمەت قىلىشى ئالغا سۈرۈلۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭى كۈچەيتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكى قەتئىي قوغدالدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى چىڭىتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام- تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى، ئىنتىزام گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا ئەڭ زور تەھدىت سېلىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون قالدۇرماسلىق، ھەممىنى قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، «چوڭلىرىغىمۇ، كىچىكلىرىگىمۇ تېگىش»، «قاچقۇنلارنى تۇتۇش» تا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان قىلىش نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چىرىكلىشىشكە يول قويماسلىق قەپىسى بارغانسېرى چىڭىتىلدى، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان قىلىش توسمىسى قۇرۇلماقتا، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكى شەكىللەندى ھەمدە مۇستەھكەملىنىپ راۋاجلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر − ھەر تەرەپلىمە، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەت، بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىش − چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك ئۆزگىرىش. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى، بىر قاتار زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى، بىر قاتار زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بېرى ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بەش يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيە دۇچ كەلگەن زور خەۋپ ۋە سىناققا، پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، قەيسەر ئىرادە ۋە خىسلەت بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان ئېغىر خەۋپنى تۈگەتتۇق، بۇنىڭ بىلەن، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش كەيپىياتى تېخىمۇ يېڭىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىچكى سىياسىي ئېكولوگىيەسى روشەن ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى- بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، پارتىيەنىڭ ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش ئارقىلىق تېخىمۇ قۇدرەت تېپىپ، يېڭى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز شەرتكى، خىزمىتىمىزدە يەنە بىر مۇنچە يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، بىر مۇنچە قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقىمۇ دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش شەرت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر