باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى

پۈتۈن مەملىكەتتىكى رادىيو–تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور پونكىتلىرى بۇ يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بىۋاستە كۆرسەتتى

2017.10.18 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىي 18- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى .

  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ جۇڭگو ئاۋازى، ئىقتىساد ئاۋازى، جۇڭخۇا ئاۋازى ۋە خۇاشيا ئاۋازى بۆلۈملىرى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلى، خەنزۇچە خەلقئارا قانىلى، ئاخبارات قانىلى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەر قايسى تىللاردىكى قاناللىرى، ھەمدە جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى خەنزۇ تىلى، ئىنگلىزچە ۋە رۇسچە قاتارلىق تىللار ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسەتتى ۋە ئاڭلاتتى. خەلق تورى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو تورى، خەلق گېزىتى ئابونېنتلار تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابونېنتلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات ئابونېنتلار تېرمىنالى قاتارلىق ئىستانسى ۋە تېرمىناللاردا بىۋاستە كۆرسىتىلدى .

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى، رادىيو ئىستانسىلىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسىتىشى ۋە ئاڭلىتىشىنى ئۇلاپ تارقاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر