باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئۇزۇن سەپەر ناملىق توشۇغۇچى راكېتاسى 252 قېتىم قويۇپ بېرىشنى تاماملاپ، ئالەم قاتنىشىدىكى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى

2017.10.12 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، يۈرۈشلەشكەن توشۇغۇچى راكېتانىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى لوڭ يۆخاۋ بېيجىڭ ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىزنىڭ ئۇزۇن سەپەر ناملىق توشۇغۇچى راكىتالىرى ھازىرغىچە 252 قېتىم قويۇپ بېرىلىپ، 344 دانە ئالەم ئەسۋابلىرىنى بەلگىلەنگەن ئوربېتاغا يەتكۈزۈپ، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان ئالەم ئەسۋابلىرىنى تۈرلۈك بوشلۇق ئوربىتالىرىغا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

  ئاكادېمىك لوڭ يۆخاۋ 2017-يىللىق دۇنيا بوشلۇق ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش دوكلات بېرىش يىغىنىدا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تونۇشتۇردى. بۇ دوكلات يىغىنىنى دۆلەتلىك ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىلمىي جەمئىيىتى ئۈستىگە ئالغان، بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى ھەمكارلاشقان.

  1970-يىلى، ئۇزۇن سەپەر بىرىنچى ناملىق راكېتا «شەرق قىزاردى 1-نومۇر» سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى پائالىيىتى باشلاندى. جۇڭگونىڭ ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك راكېتالىرى تەرەققىياتىمۇ تېز سۈرئەت باسقۇچىغا كىردى.

  لوڭ يۆخاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1985-يىلى دۆلىتىمىز ئۇزۇن سەپەر راكېتالىرىنىڭ خەلقئارا سودا خاراكتېرلىك قويۇپ بېرىشكە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇقنى بازارغا سېلىپ، ئۇزۇن سەپەر 3-نومۇرلۇق A تىپلىق راكېتالارنىڭ ئاساسىي كۈچ بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. «1990- يىلى 4-ئايدا ئاسىيا 1-نومۇر مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن ھازىرغىچە 57 قېتىملىق خەلقئارا سودا سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلىپ، خەلقئارا سودا خاراكتېرلىك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ساھەسىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىدى.

  ئۇزۇن سەپەر 8-نومۇرلۇق راكېتانى تەتقىق قىلىپ ياساش باشلاندى. ئېلىمىزدىكى ئېغىر تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتا ئۇزۇن سەپەر 9-نومۇر تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇزۇن سەپەر ناملىق توشۇغۇچى راكېتا تىپىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئاساسىغا يەنىمۇ ئۇل سېلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر