باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ئاساسىي جەھەتتىن ئاياغلاشتى

مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 50 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، بەش يىل ئاۋالقىدىكىگە قارىغاندا %80.1 ئاشتى

2017.09.29 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شياۋ ياچىڭ 28-سېنتەبىر گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلدى. ھازىر دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيتىلدى، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى بارا-بارا نامايان بولدى. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 50 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن بولۇپ، بەش يىل ئاۋالقىدىكىگە قارىغاندا %80.1 ئاشتى.

  2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە جەمئىي ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان پايدا ئومۇمىي سوممىسى 6 تىرىليون 400 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى بەش يىلدىكىدىن %30.6 ئاشتى؛ تاپشۇرۇلغان باج ئومۇمىي سوممىسى 10 تىرىليون 300 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى بەش يىلدىكىدىن %63.5 ئاشتى. بۇ يىل 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرغان ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 16 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.7 ئاشتى. پايدا ئومۇمىي سوممىسى 976 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.3 ئاشتى، پايدا ئېلىش نىسبىتىدە ئۇدا سەككىز ئاي ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئىلگىرىلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 18 گۇرۇپپىنى 34 كارخانىغا ئەۋەتىپ، قايتا تەشكىللەشنى تاماملىدى. يېڭىدىن جۇڭگو ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش گۇرۇھى شىركىتى تەسىس قىلىندى، مەركەز كارخانىلىرى 117 كارخانىدىن تەڭشىلىپ 98 كارخانىغا ئىخچاملاندى. باشقۇرۇش دەرىجە قاتلىمى كىچىكلىتىلىپ، 2017-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر مەركەز كارخانىلىرىدىن 6395 ۋاكالەتچى ئازايتىلدى، ئازايتىش نىسبىتى %12.25 بولدى. 2016-يىلى دۆلەت كارخانىلىرىدىن چېكىندۈرۈلگەن، تازىلانغان «مۇردا كارخانىلار» 4977گە يەتتى، 307 مىڭ كارخانا خىزمەتچىسى تارقاقلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. 2016-يىلى دۆلەت كارخانىلىرى چېكىندۈرگەن پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 52 مىليون 490 مىڭ توننىغا يېتىپ، ساھە ئىچىدە مەملىكەت بويىچە چېكىندۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ %80ىنى ئىگىلىدى. كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 206 مىليون 290 مىڭ توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە چېكىندۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ %70ىنى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر