باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2016-يىلدىن 2035-يىلغىچە)»غا بەرگەن تەستىقىي جاۋابى

2017.09.28 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ بېيجىڭ شەھەرلىك كومىتېتى، بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە:

  سىلەرنىڭ «<بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى (2016-يىلدىن 2035-يىلغىچە)»نى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتى»نى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. تۆۋەندىكىدەك تەستىقىي جاۋاب بېرىلدى:

  بىرىنچى، «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلان ى(2016-يىلدىن 2035-يىلغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئومۇمىي يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) ماقۇللاندى. «ئومۇمىي يىرىك پىلان»دا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىغا دەل توغرىلاپ، مەۋقەنى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا قويۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش، ھەممە ئىشتا ئەمەلىيەتنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىي قىلىش، مىقدارنى ئازايتىپ تۈجۈپىلەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، بەلگىلىمىلەرنى بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپسىلەر، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىكەن، بۇ پايتەختنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «ئومۇمىي يىرىك پىلان»نىڭ ئىدىيەسى، مۇھىم نۇقتىسى، ئۇسۇلىدا يېڭى بۆسۈش بولۇپتۇ، مەملىكەتتىكى باشقا شەھەرلەرگە نىسبەتەن يېتەكچىلىك رولىنى ئوينايدۇ.

  ئىككىنچى، بېيجىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسىي، مەدەنىيەت، خەلقئارا ئالاقە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشتا «پايتەخت» بىلەن «شەھەر»، «ۋاز كېچىش» بىلەن «ئېرىشىش»، تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈش، «بىر يادرو» بىلەن «ئىككى قانات» مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىگىلەپ، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىك ئورگىنىغا خىزمەت-مۇلازىمەت قىلىش، دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئالاقىسىگە مۇلازىمەت قىلىش، پەن-تېخنىكا، مائارىپ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مۇلازىمەت قىلىشتەك ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. «ئومۇمىي يىرىك پىلان»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، پايتەخت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، مەركەزلىك ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پايتەخت فۇنكسىيەسىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، پايتەخت فۇنكسىيەسىدىن باشقا فۇنكسىيەلىرىنى تەرتىپلىك تارقاقلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى شەھەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى بىلەن ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، نوپۇس، بايلىق، مۇھىتنى شەھەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا لايىقلاشتۇرۇپ، شەھەر ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەھەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغ سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئىلگىرىلىشىدىكى چوڭ دۆلەت پايتەختى، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىناق، ياشاشقا باب كېلىدىغان شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر