باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

ياخشى كادىرنى تاللاپ، ھەقىقىي ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك(جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل • پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش)

خەلق گېزىتى مۇخبىرى جياڭ لىن

2017.09.27 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا ئادەم ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم». ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش مەسىلىسى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا ياكى مەغلۇپ بولۇشقا تاقىلىدىغان ئاچقۇچلۇق، نېگىزلىك مەسىلە. قانداق ئادەمنى تاللاش، قانداق ئادەمنى ئىشلىتىش ھەم كادىرلار خىزمىتىنىڭ ئۆلچىمى ۋە يۆنىلىشى، ھەم سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ بارومېتىرى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىلنى زور كۈچ بىلەن تۈزەش؛ ئەمەل سودىسى قىلىش، سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش، كادىرلارنى زەربىدارلىق بىلەن ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئادەم ئىشلىتىش-تاللاشتىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك قىلمىشىنىڭ ساقلانغان-ساقلانمىغانلىقىنى بايقاشقا كۈچەشنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.

  ياخشىلارغا سورۇن ھازىرلاندى، ئەمدى يەڭنى تۈرۈپ ئىشلەيدىغان پەيىت كەلدى. ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈشنى مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇپ، ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ ئىنكاس قىلىش، بىرلىكتە تۈزىتىش - يېڭى ۋەزىيەتتىكى كادىرلارنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى يەنە بىر مۇھىم ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىدىكى «پارتىيەنىڭ ئۆتكۈر قورالى»غا يەنە بىر خەنجەر قوشۇلدى. ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش ئىستىلى، كەيپىياتىنى رۇسلاپ سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ ساپلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، يۆنىلىش بارغانسېرى روشەنلىشىپ، يول تېخىمۇ ئايدىڭلىشىپ، ئۈنۈمى كۈنسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، كۆزىتىش خىزمىتى قەيەرگىچە ئىلگىرى سۈرۈلسە، ئادەم تاللاش-ئىشلىتىشنى تەكشۈرۈش شۇ يەردە قانات يايدۇرۇلدى. مەركەزنىڭ 12 قېتىملىق كۆزىتىشىدە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى 93 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە مەركەزدىكى 231 ئورۇننىڭ ئادەم تاللاش-ئىشلىتىش ئەھۋالىنى مۇنتىزىم كۆزىتىپ تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ، 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى قايتىدىن تەكشۈرۈپ، مەركەزنىڭ تۆت ئورنىنى ھەرىكەتچان تەكشۈرۈپ، يەرلىك پارتكوم ۋە مەركەز ئورۇنلىرى پارتكوم (پارتگۇرۇپپىسى)نى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق گېزىتى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر