باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى: ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئايروپىلانلاردا ئىشلىتىشكە ئۈمىد تۇغۇلماقتا

2017.09.19 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- چېسلا، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئۇچۇش ئۆلچىمى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ تاۋ خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە ئىجازەت بېرىپ، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايلىق بولغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئايروپىلانلارغا بولغان تەسىرىنى ئۇ شىركەتلەرنىڭ باھالىشىغا رۇخسەت قىلدى. دېمەك، ئۇزۇن ئۆتمەي، يولۇچىلار جۇڭگو ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىدا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان مۇناسىپ ھالدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتەلەيدۇ.

  جۇ تاۋ يەنە مۇنداق دېدى: ئايروپىلانلاردا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇشنى كەڭ قويۇۋېتىش ئىجازىتى بولسا، يېقىنقى نىزامغا ئاساسەن، يەنى، «چوڭ تىپتىكى ئايروپىلانلاردا ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئىشلىرىنى ھۆددىگە ئالغۇچىلارنىڭ يۈرۈشكە لاياقەتلىكلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قائىدە-نىزامى»نىڭ 5- قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن بېرىلگەن. ئەسلىدىكى قائىدە-نىزامدا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئايروپىلانلاردا ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان. لېكىن ھازىر ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر (PED)نىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە خەلقئارادىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىگە ئىجازەت بېرىپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئايروپىلانلارغا بولغان تەسىرىنى باھالىشىغا رۇخسەت قىلدى ھەمدە مۇناسىپ باشقۇرۇش سىياسىتى تۈزۈپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلارمۇ مۇناسىپ تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئۇسۇلىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىلتىماسلىرىنى قوبۇل قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر