باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمەت سۇپىسى بارلىققا كەلدى

2017.09.19 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- چېسلا، بېيجىڭدا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش ئاپپاراتىغا ۋىۋىسكا ئېسىش ۋە جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ مۇلازىمەت سۇپىسىنى ئېچىشتەك ئىككى مۇراسىم يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

  18- چېسلا بارلىققا كەلگەن بۇ سۇپا، يەنى جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمەت سۇپىسى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ قانۇن مۇلازىمىتىنى يادرو قىلغان ئاساستا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا قارىتا، ھوقۇقنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ھوقۇقنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى دېگەنلەردىن باشلاپ، تاكى ھوقۇقنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە ماجىرالارنىڭ ھەل قىلىنىشى دېگەنلەرگىچە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى قوغداشنىڭ ئومۇمىي جەريانى بويىچە تولۇق قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتە مەزكۇر ھوقۇققا دەخلى-تەرۈز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ رايون دالدىلاش، كۆپ يۈز بېرىش ۋە تاسادىپىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى كۆزگە كۆپ چېلىقىۋاتقان بۇنداق بىر پەيتتە، بۇ سۇپا مەملىكەتلىك ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ جايدا ھەمكارلىشىپ مۇلازىمەت قىلىشنى قانات يايدۇرىدۇ ۋە دەۋالاشقۇچىلارنى ھەر ۋاقىت ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىنىڭ قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر