- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شيوڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشىغا ئادىل، ھەققانىي مۇھىت يارىتىلىدۇ
2017.09.14 14:32 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى شېن دېيوڭ ئۈلۈشكۈن 2-نۆۋەتلىك بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ئەدلىيە مۇنبىرىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئەدلىيە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەم بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىدىغان بىر يۈرۈش ئەدلىيە تەڭكەش مېخانىزمى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشتە، مەۋقەنى ئەدلىيە فۇنكسىيەسىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشقا قارىتىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەم شيوڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇشقا كۈچلۈك ئەدلىيە مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. ئۇ كۈچەيتىشكە تېگىشلىك مۇنداق ئالتە جەھەتتىكى خىزمەتنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-سوتلاش فۇنكسىيەسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىركەت قانۇنى ۋە ئالاقىدار ئەدلىيە ئىزاھاتىغا قاراپ چىقىشقا ئالاقىدار دېلولارنى قانۇن بويىچە تەتبىقلاش؛ 2-پۇل مۇئامىلە دېلولىرىغا قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ، دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش؛ 3-پاتېنت، تاۋار ماركىسى ۋە ئەسەر ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى دېلولىرىغا قانۇن بويىچە قاراپ چىقىش؛ 4-بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا ئىقتىدارىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىكى كارخانا قاتارلىقلارنى سىرتقا كۆچۈرۈشتىن پەيدا بولغان دېلولارغا مۇۋاپىق قاراپ چىقىش؛ 5-خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار دېلولارنى سوتلاشنى كۈچەيتىپ، شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئادىل، ھەققانىي ئەدلىيە مۇھىتى يارىتىش؛ 6-پاراسەتلىك سوت مەھكىمىسى قۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى تەڭكەش ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر