باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ نامراتلىق قۇتۇلۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماقتا

2017.09.14 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 1-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈننەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە نۇجياڭ لىسۇزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇڭشەن ناھىيەسىدىكى دۇلۇڭ مىللىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە باش شۇجى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، بىرەر مىللەتنىمۇ سەپ چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ مۇھىم ۋە ئېنىق سىگنال بەردى.

  دۇلۇڭ مىللىتى ئېلىمىزدىكى تەرەققىياتى كەينىدە قالغان نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ بىرى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە بۇ مىللەت ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە قەدەم قويدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت دۇڭلۇڭ مىللىتى ئاممىسى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان گۇڭشەن ناھىيەسى دۇڭلۇڭجياڭ يېزىسىغا ياردەم بېرىپ، 1 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سالدى. ھازىر دۇڭلۇجياڭ يېزىسىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 2500 يۈەندىن ئاشتى، گۇڭشەن ناھىيەسى دۇلۇڭجياڭ يېزىسىنىڭ باشلىقى لى يۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى ھاللىق سەۋىيەنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بار، بىزدەك چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بىر قولدا ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، بىر قولدا چېگرا رايوننى ئوبدان قوغدىشىمىز كېرەك.

  نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەر-نوپۇسى 300 مىڭغا يەتمەيدىغان مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق مىللەتتىن مەملىكەت بويىچە 28ى بار، ئاساسلىقى يۈننەن، ئىچكى موڭغۇل، شىزاڭ، شىنجاڭ قاتارلىق 13 ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا تارقالغان. بۇ يىل 1-ئايدا گوۋۇيۈەن " 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە مىللىي رايونلار ۋە نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش"نى تارقىتىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويدى.

  يۈننەندىكى نۇرغۇن نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەر ئىپتىدائىي جەمئىيەت ياكى قۇللۇق جەمئىيەتتىن بىۋاسىتە سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۆتكەن، شۇڭا ئۇلارنى شۇ جايدىكىلەر "بىۋاسىتە ئۆتكەن مىللەتلەر" دەپ ئاتايدۇ، ئۇلارنىڭ نامراتلىق كۆلىمى چوڭ، مائارىپنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن. بۇنىڭ ئۈچۈن يۈننەن ئۆلكىسى نوپۇسى بىر قەدەر ئاز 11 مىللەت ۋە بىۋاسىتە ئۆتكەن مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا 14 يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپىنى پەيدىن-پەي يولغا قويۇپ، نامراتلىق سىزىقىدىن يۇقىرى ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ داۋاملىق ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  يۈننەن ئۆلكىسى سىماۋ 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇ چىڭپىڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، بىۋاسىتە ئۆتكەن مىللەتلەر ۋە ئاساسلىق مىللەتلەرنى ئاساس، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوشۇمچە قىلدۇق، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى ئاساس، نەتىجىسى ياخشىلارنى قوشۇمچە قىلدۇق، شۇڭا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا بىز ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلەندۈردۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر