باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتتە ئائىلە مۇلازىمىتى ئەمگەكچىلىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

2017.09.14 14:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چيۇ شياۋپىڭ 12-سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەت بويىچە ئائىلە مۇلازىمىتى ئەمگەكچىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، ھازىر بىر تۈركۈم ئەمگەكچىلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش كېلىشىمى ھاسىل قىلىندى.

  چيۇ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يېزىلاردىكى زور بىر تۈركۈم نامرات ئەمگەك كۈچىنى باشقا جايغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ئەگەر دەل جايىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئارقىلىق يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېرىلگەن نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئائىلە مۇلازىمىتى ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولسا بۇ يېزىلاردىكى نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇشىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئائىلە مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئاشۇرۇپ،ئائىلە مۇلازىمىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالايدۇ.

  چيۇ شياۋپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئائىلە مۇلازىمىتى ئەمگەكچىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى نىشانى مەركەز قىلىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېرىلگەن قانچىلىك نامرات ئەمگەك كۈچىنىڭ مۇقىم ئائىلە مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يۆتكەلگەنلىكى، قانچىلىك ئائىلە مۇلازىمەتچىسى بىلەن تەمىن ئېتىلگەنلىكى، قانچىلىق نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنغانلىقى ئۈنۈمنى ئۆلچەيدىغان ئاساسى كۆرسەتكۈچ قىلىنىدۇ، تۇتاشتۇرۇش مۇلازىمىتى پۇختا ياخشى قىلىنىشى كېرەك، نامرات ناھىيەلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن دەل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىشى كېرەك، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئائىلە مۇلازىمىتى ئىشخانىلىرى مەركىزىي شەھەرلەر بىلەن نامرات ناھىيەلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر