باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر ئەسكەرلەر تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋالماقتا

2017.09.13 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرلەر پۈتۈن ئارمىيەگە تارالدى، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى كۆتۈرەڭگۈ روھ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ، تېخىمۇ قەتئىي ئاڭلىقلىق بىلەن يادرونى قوغداش، يوليورۇققا بويسۇنۇش تەلىپىنى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئۆتكۈزۈپ، يېڭىنى تۈرۈپ، ئىجتىھات بىلەن ئىشلەپ، 19-قۇرۇلتايغا ئەلا نەتىجىلىرى ئارقىلىق سوغا تەييارلىماقتا.

  ھەرقايسى قىسىملار يېڭى نەتىجىلەرنى مەدھىيەلەش، 19-قۇرۇلتاينى كۈتۈۋېلىش تېمىسىدا يۈرۈشلۈك تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنى خەلق ئارمىيەسىنىڭ مۇشۇ بەش يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا، بۇنىڭدىن كۈچ ئېلىشقا يېتەكلىدى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 83-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيەسى مەلۇم بىرگادىسىنىڭ تۆھپىكار ئۈچىنچى روتىسىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ روتىنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قايتا ئۆگىنىپ، روتا قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدەندى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئارمىيە ئىسلاھاتى يېڭىلانغان، قايتا جانلانغان، سىياسىي ئېكولوگىيە ياخشىلانغان بەش يىل بولدى، ئارمىيەنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى، ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنىڭ ئىرادىسى چىڭىدى، ئارمىيەنى كۈچەيتىش، گۈللەندۈرۈش ئىشەنچىسى تولۇپ تاشتى، نەچچە ئون مىڭ چاقىرىملىق ئوكياندا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىدىن كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىپتىخارلىق ئوغلانلىرىغىچە، ۋەتەن چېگراسىنى قوغداش قاراۋۇلخانىلىرىدىن مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسىنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە ئوفىتسېر ئەسكەرلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئاۋانگارت بولۇپ، قىزىق قېنى، ياشلىقى ئارقىلىق پارتىيە تۇغىغا ھۆسن قوشتى.

  ئوفىتسېر ئەسكەرلەر 19-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا بولغان ئورتاق ئارزۇسىنى ئۆز ئورنىدىكى مەشىق ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈردى، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر ئەسكەرلىرى روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ھەرقايسى ئۆز ئورنىدا ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر