باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تىل مەدەنىيەت سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلەش تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2017.09.13 14:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنى تىل مەدەنىيەت سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلەش مۇلازىمەت خىزمىتى بويىچە نەق مەيداندا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنى 11-، 12-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا يۈ جېڭشېڭ قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم تەستىقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى؛ بېيجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېيجىڭغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىسىغا تىل، مەدەنىيەت، سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ تەجرىبىلىرى ئومۇملاشتۇرۇلدى؛ جايلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمى يەكۈنلەندى ۋە ئالماشتۇرۇلدى؛كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنى تىل مەدەنىيەت سىياسەت جەھەتتىن تەربىيەلەش مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى باتىر سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەرلەرنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە ئىشنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانلارنى تىل مەدەنىيەت سىياسەتنى ئۆگىتىشتىن تۇتۇش، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپلىگەن ياخشى تەجرىبە ۋە ياخشى ئۇسۇللارنى جۇغلاش، زور تۈركۈم ئىلغار تىپلارنى يارىتىشنى ئەستايىدىل يەكۈنلەشكە ئەرزىيدۇ.

  1.ئىلگىرى سۈرۈش، يۇغۇرۇش خىزمەت يۆنىلىشىنى تىكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ شەھەرلەردە تەڭ ياشاش، تەڭ ئۆگىنىش، تەڭ ئىشلەش، تەڭ شادلىنىشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

  2.تىل ئوقۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىر بىرىنىڭ ھېسسىياتى ۋە قەلبىنى ئۇقۇشۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  3. سىياسەت ، قانۇن نىزام تەربىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي قۇرۇلۇش چىڭ تۇتۇلۇپ،ئاز سانلىق مىللەتلەردىن شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاممىنىڭ ئىنتىزامغا ھۆرمەت قىلىش ، قانۇنغا رىئايە قىلىش، زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى ئىدراكىي بىر تەرەپ قىلىش ئېڭى، ئىقتىدارى ھەقىقىي ئۆستۈرۈلىدۇ.

  4.خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەردىن شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ، ئىگىلىك يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئىشەنچى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلىدۇ.

  5.تىپىك بولغان يېتەكلەش خىزمەت ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار شەخسلەر ۋە ئۈلگىلىك باشلامچىلارنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭدىن بېيجىڭغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تىل مەدەنىيەت سىياسەت ئۆگىنىشى كۇرسى ئېچىشنى دۆلەتلىك مىللەت ئىشلىرى كومىتېتى قوللىدى، بېيجىڭ شەھەرلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەشكىللەپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئېلىپ، شىنجاڭدىن بېيجىڭغا كېلىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا بولغان مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. ئىككى قارارلىق كۇرۇستا 50 دىن كۆپرەك كىشى تەربىيەلەندى؛ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۇرسانتلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئۆستۈرۈلۈپ، نەزەر دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، شەھەر تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر