باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شيوڭئەن يېڭى رايونى ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىدە يېڭىلىق ياراتتى

2017.09.13 14:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شيوڭئەن يېڭى رايونلۇق باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە،بۇ رايوننىڭ ئادەم ئىشلىتىش تۈزۈمىدە زور دەرىجىدە يېڭىلىق يارىتىلغان، كەلگۈسىدە ئادەم ئىشلىتىشتە بىر خىل ئۆلچەمگىلا ئېسىلىۋالماي ئىختىساسلىقلارنى كىرىش، قىلىپ ئىشلەش، تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

  خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونلۇق پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ باۋلىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى؛ شيوڭئەن يېڭى رايونى سەرخىللارنى تاللاش، بىرلىككە كەلتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە چوڭ تارماق تۈزۈمى، كېڭەيتىش، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سەرخىل باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى بەرپا قىلىپ، مەمۇرىي قاتلاملارنى ئازايتىپ، كىچىك ھۆكۈمەت چوڭ مۇلازىمەتنى يولغا قويۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى يېڭى رايون باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، تەرەققىيات ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى رايوننى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىدۇ.

  ليۇ باۋلىڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش يېڭى رايوننىڭ ھاياتلىق مەنبەسى، بولۇپمۇ ئاپپاراتىمىزنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش، مەمۇرىي تەستىقلاش جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىلدى.

  ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش جەھەتتە، شيوڭئەن يېڭى رايونى ئالاھىدە ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى تۈزۈپ، جەلپ قىلىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش جەھەتتە دائىملىق قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېڭى رايونغا كىرىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىدۇ. ليۇ باۋلىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى رايون ئادەم ئىشلىتىشتە بىردەك ۋەزىپىگە تەكلىپ بىلەن تەيىنلەش تۈزۈمىنى قوللىنىدۇ.تەكلىپ قىلىش توختام تۈزۈمى ئىمزالايدۇ. بىز ئىش ئورنى بويىچە ئادەم تاللايمىز، بىر ئادەم كۆپ ئىش ئورنىدا ئىشلىسە بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىشنى ياخشى قىلسىڭىز، ئالدىغان مائاشىڭىز شۇنچە كۆپ بولىدۇ، مائاش ئۆلچىمى بېيجىڭنىڭ مائاشىغا تەقلىد قىلىنىدۇ ياكى بېيجىڭنىڭ مائاش ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولىدۇ. بىرىنچى سەپتىكى ئىختىساسلىقلار ، ئالىي ئىختىساسلىقلارغا بازارلاشقان كېلىشىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر