باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن سۈپەتنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش پىكىرىنى چىقاردى

2017.09.13 14:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن يېقىندا سۈپەتنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى ئېلان قىلدى، پىكىرىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەمىنلەش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئاساسى يۆنىلىشى، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ مەركىزى ۋەزىپىسى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىستراتېگيەسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سۈپەتنى ياخشىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، سۈپەتنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، خەلقئارادىكى رىقابەت يېڭى ئۈستۈنلۈكىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا سۈپەت جەھەتتىن ئاساس سېلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش قىممەت يېتەكچىلىكىدە،خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تۈپ نىشان قىلىشتا، كارخانىنىڭ سۈپەتنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسى گەۋدە بولۇشتا، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ يول قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، 2020-يىلىغا بارغاندا تەمىنلەش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، تەمىنلەش سىستېمىسى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ، سۈپەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كېلىدۇ، سۈپەتنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ، سۈپەتنىڭ ئومۇمىي ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا قوشقان تۆھپىسى يەنىمۇ كۈچىيىدۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىستېمال تەلىپى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر